«ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيتى ئەنقەرەدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، پائالىيەتچىلەر ئۆيلىرىگە قامالدى.

«ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيتى ئەنقەرەدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، پائالىيەتچىلەر ئۆيلىرىگە قامالدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 14- فېۋرال

 

«ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيتىنى باشلاپ، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا 17 كۈن نۆۋەتتە تۇرغان ۋە ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن ئائىلە نۆۋىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزغان بولسىمۇ، يالغانچى خىتاينىڭ سۆزىدىن يېنىۋىلىشى ۋە ئارخىپلارنى قوبۇل قىلماسلىقى سەۋەبىدىن پائالىيتىنى ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا يۆتكىگەن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە يېقىنلىرى ئەنقەرەدىكى پائالىيتىنىڭ 5- كۈنى، يەنى 7- فېۋرالدىن باشلاپ، يەرلىك ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ئەتىسى كۈنى يەنى 8- فېۋرالدىن باشلاپ پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرى تۇرۋاتقان ئۆيىگە قامال قىلىنغان.

 

بىز ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى پائالىيەتكە ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان مەدىنە نازىمى خانىم بىلەن ئالاقىلاشتۇق. مەدىنە خانىم بىزگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز 3- فېۋرال خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگىنىمىزدە. پائالىيەت ئورنىمىز ئەسلىدىكىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ، بىز پائالىيىتىمىزنى بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇندا داۋام قىلىش ئۈچۈن ماشىنىدىن چۈشكىنىمىزدە، ساقچىلار بىزگە ناھايىتى قۇپال مۇئامىلە، ئېغىر گەپلەر بىلەن پائالىيىتىمىزنى چەكلىدى. بىز ساقچىلارغا ئۆزىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزنى، بۇ پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولساقمۇ ئارىمىزدىن 4 نەپەر سەپدىشىمىزنى ساقچىلار ئېلىپ كەتتى. بۇ يەر جەرياندا ئى پارتىيە مىللەت ۋەكىلى فاخرەتتىن يۇكۇش، بىز پائالىيەت قىلىۋاتقان رايوننىڭ باشلىقى، داۋا پارتىيىسىدىن مۇستافا يانەر ئەپەندىلەر ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئامما كېلىپ، تۈرك ساقچىللىرىغا ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرنىڭ بىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز شۇ خىل تارتىشىش ئىچىدە بىر كۈنلۈك پائالىيىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق. تارتىشىش جەريانىدا بىر سەپدىشىمىزنىڭ قولى قايرىلىپ كەتتى.

 

ئەتىسىدىن باشلاپ ساقچىلار بىز تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىنى قورشىۋىلىپ، بىزنىڭ سىرتقا چىقىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئىستانبۇل ۋە كونىيادىن بىزگە دەستەك بېرىش ۋە ئائىلىسىنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن دوستلىرىمىزنى ئەنقەرەدىن قايتۇرۋەتتى. بىز شۇ خىل ھالەتتە ياتىقىمىزدا بىزدىن ھال سوراپ كەلگەن بىر قىسىم پارتىيە ۋەكىللىرى سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە، بىزدىن بىر گۇرۇپپا ۋەكىل ئەنقەرە ۋالىيلىقىغا بېرىپ، ۋالىي ياردەمچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزنى ۋە پائالىيىتىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردۇق.

 

9- فېۋرال، يەنى پائالىيىتىمىزنىڭ 7- كۈنى بىز پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرە ۋالىيسىغا يازغان ئىلتىماسىمىزنى تاپشۇرۇش، پائالىيەت جەريانىدا قولى يارىلانغان سەپدىشىمىزنى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياتاقتىن چىقماقچى بولغىنىمىزدا، ساقچىلار يەنە بىزگە توسقۇنلۇق قىلدى. ھەتتاكى ماشىنىمىزنى توختاتقان ماشىنا توختىتىش ئورنىنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋىلىپ، بىزگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلدى. بۇ قامال قىلىنغان كۈنلەردە، گەرچە بىز ئەلچىخانا ئالدىدىكى پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرالمىغان بولساقمۇ، لېكىن رېيتېر ئاگېنتلىقى، يېڭى چاغ گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دەردىمىزنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىز دۆلىتىمىز تۈركىيەدىن كىشلىك ھوقۇقىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى، دەردىمىزگە كۆز يۇمۇۋالماسلىقىنى ئۈمىت قىلمىز.»

 

ئەنقەرەدىكى پائالىيەتچىلەر ھازىرمۇ ئەنقەرەدىن ئايرىلمىغان بولۇپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مېھمانخانىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن ئىكەن. پائالىيەتچى مىرزا ئەخمەتنىڭ فەيىسبۇكتا ئېلان قىلغان بىر ۋىدېئوسىدا، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ياتىقىنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدا پەقەتلا يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرىتىنىڭلا بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشتىن باشقا مۇددىئاسى بولمىغان پائالىيەتچىلەرگە قىلىنىۋاتقان بۇخىل ئادالەتسىز مۇئامىلىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

فرانسىيە ئاگېنتلىقى: ترۇدو ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ

چا فېۋرال 17 , 2021
فرانسىيە ئاگېنتلىقى: ترۇدو ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ

You May Like