بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 18- ماي
ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلىپ، 12- ماي چىقارغان بىر دوكلاتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. « ئائىلە پىلانى: شىنجاڭدىكى يەرلىكلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى مەجبۇرىي تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇغماس قىلىۋىتىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە جازالاش خاراكتېردىكى ئائىلە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى.
مەنبە: ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى دوكلاتى