ئافغانستان خىتاينىڭ 10 نەپەر جاسۇسنى قولغا ئالدى

ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى ۋە ياخو ھىندىستان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25- دېكابىر ئافغانستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كابۇلدا 10 نەپەر «خىتاي پۇقراسى» نى «جاسۇسلۇق ۋە تېروررىزم» جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. بۇ 10 نەپەر خىتاي پۇقراسى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى (ئەنچۈەن ) خادىملىرى ئىكەن.

تۇرسۇنجان تۇراپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 27- دېكابىر

 

ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى ۋە ياخو ھىندىستان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25- دېكابىر ئافغانستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كابۇلدا 10 نەپەر «خىتاي پۇقراسى» نى «جاسۇسلۇق ۋە تېروررىزم» جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. بۇ 10 نەپەر خىتاي پۇقراسى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى (ئەنچۈەن ) خادىملىرى ئىكەن.

 

ئافغانستان ئۇلارغا 10- دېكابىردىن باشلاپ زەربە بېرىشكە باشلىغان. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە لى ياڭياڭ ئ‍سىملىك خىتاي كابۇلدىكى تۇرالغۇسدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە قورال-ياراق، پارتىلاتقۇچ قاتارلىقلار بايقالغان. ئوخشاش كۈنى يەنە بىر خىتاي شا خوڭ (ئايال) تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كابۇلنىڭ شرپۇر رايونىدا رېستۇران خوجايىنى قىياپىتىدە جاسوسلۇق قىلغان، ئۇ ئۆيىدە نۇرغۇن پارتىلاتقۇچ ساقلىغان.

 

سوراق جەريانىدا، خىتاي جاسۇسلار ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق قىلىش مەقسدى بارلىقىنى، ئافغانستانغا كەلگەندىن كېيىن، پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئەڭ غوللۇق قسمى بولغان (خەلقئارا مۇلازىمەت ئاخباراتى -ISI ) ياردىمى بىلەن ئافغانستانغا سوقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، شەرىئەت دۆلىتى قۇرۇشنى نشان قىلىمىز دېگەن ھەققانىي مۇجاھىدلار گۇرۇپپىسى بۇ ختتايلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە پارتىلاشنى پىلانلىغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىدىغان پارتىلىتىش ھەرىكەتلىرىگە شارائىت ياراتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ نامىدا زوراۋانلىق قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا خىتاي ئۈچۈن باھانە تېپىپ بېرىشكە ياردەم قىلغان. ھەققانىي گۇرۇپپىسى – تالىباننىڭ قوراللىق باش قسمىنى كۆرسىتىدۇ.

 

ئافغانستان ھۆكۈمىتىنىڭ جەزىملەشتۇرىشىچە، ياڭياڭنىڭ ئاساسلىق ۋەزپىسى كۇنار ۋە بەدەخشاندىكى ئەلقائىدە، تالىبان بىلەن ھەمكارلىشش ۋە بۇ يەردىكى ئ‍ۇيغۇرلار ھەققىدە ئ‍ۇچۇر توپلاش ئىكەن.

 

ئافغانستان جاسۇسلۇق تارماقلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىگە دېيىشىچە، «خىتاي جاسوسلىرى ئافغانستاندىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى يوق قىلىش ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىگە قارشى ھەربيى ھەرىكەتلەرنى يوق قىلشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

 

يېڭى دېلھىدىكى خىتاي ئ‍ىشلىرىغا مەسئۇل بىر جاسۇس مۇتەخەسسىس مۇنداق دېگەن: «1990- يىللاردىن باشلاپ پاكىستان نەچچە ئون مىڭ ئ‍ۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان، قەسلەپ ئۆلتۈرگەن ياكى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. پاكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ئىتتپاقدىشى.

 

نۆۋەتتە ئافغانستان ھۆكۈمىتى پاكىستانلىقلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئافغانستان زېمىنىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

 

ئافغانستاندا، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان بولسا، ئاز بىر قسم ئۇيغۇرلار نورمال ھايات كەچۈرىدۇ، ئەمما ئۇلارمۇ ناھايتى ئېغىر ۋەھىمە ئىچىدە ياشماقتا.

 

خىتاينىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى – يالغان «شەرقىي تۈركستان ئ‍سلام ھەرىكىتى» قۇرۇپ چىقىش.

 

ئافغانستان بىخەتەرلىك ئىدارسنىڭ دېيىشىچە، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقستى بولسا يالغان «شەرقىي تۈركىستان ئ‍سلام ھەرىكىتى» قۇرۇپ چىقىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەقىقىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان ئ‍سلام ھەرىكىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 11- ئايدا تېررولۇق تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن.

 

ئافغانىستان پىرېزدېنتى ئاشراف غانى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە سابىق ئاخبارات باشلىقى، مۇئاۋىن پىرېزدېنت سالىھنى ئورۇنلاشتۇرغان. سالىھ خىتاي باش ئەلچىسى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ ۋەقەنى بىلدۈرگەن. ئافغانستان ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئەپۇ سورىسا، بۇ جاسوسلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ئۆتكەن ئۈچ يىلدا خىتاينىڭ ئ‍سلام دۆلىتى (دائىش )، ئەلقائىدە، تالىبان، بوكو ھارام قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تېېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قورال-ياراق، ئقتىسادىي ياردەم تەمىنلەپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

 

ختتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى قاتتىق كونترۇل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، قوشنا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش، باستۇرۇش ئ‍ىشلىرىدا ھەمكارلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئافغانستاندا مەيلى ھۆكۈمەت بولسۇن، مەيلى تالىبان بولسۇن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەم ئۈسكۈنە ياردىمىگە تاينىىپ كەلمەكتە.

 

ئۆتكەن 30 يىلدا، ئۇيغۇرلار دىنىي قېرىنداشلىرىمىز دەپ ئ‍ىشەنگەن پاكىستانلىق قوراللىقلار ۋە مۇجاھىد سىياقىدىكى دۆلەت جاسۇسلىرى، ئافغانستانلىق ساختا مۇجاھىدلار، سۈرىيەلىكلەر ئارقىمۇ-ئارقا ھالدا ئۇيغۇرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىق مۇھەببىتىدىن يەتكۈچە پايدىلاندى، ئ‍ۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزىنىڭ دۆلىتى، ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دەسمايىگە سالدى. خىتاي بولسا بۇلارنى باھانە قىلىپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇرلار تېررورچى دەپ جار سالماقتا. قوراللىق ساھەگە كىرگەن ئاز ساندىكى ئ‍ۇيغۇرلار ئويغانغان بولسمۇ، ئەمما كۆپ قىسمى كاللىسى يۇيۇلغان، مەنپەئەت، ھوقۇق ئارقىسدىكى قاراڭغۇ يوللاردا تېڭىرقاپ، مىڭلىغان ياش ھاياتنى نابۇت قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇش تەكلىپ – پىكىر، مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى

دۈ دېكابىر 28 , 2020
كېينكى يىللاردا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ مىسلىسىز كۈچىيىشى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئالاقسىنىڭ ئۈزۈۋىتىلىشى تۈپەيلى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ سانى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆلەملەشتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقانلار خېلىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

You May Like