تەييارلىغۇچى: سايئوغلى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-06-21
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ يېقىندا بېيجىڭغا كىلىشى خىتاي تەرەپنىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتنىڭ بىر ھالقىسى
6-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ كۈندىلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن يېقىندا تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭغا كىلىشى توغرىسىدا سۇئال سورىدى.
لۇكاڭ جاۋاپ بېرىپ تالىباننىڭ دوخادا تۇرۇشلۇق ئىش بىجرىش ئورنىنىڭ رەئىسى موللا ئابدۇللا غېنى بالادار ۋە بىر نەچچە ھەيئەت بېيجىڭدا زىيارەتتە بولدى، جۇڭگۇ تەرەپ ئۇلار بىلەن ئافغانىستاننىڭ تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتتى شۇنداقلا تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى دىدى.
لۇكاڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگۇ تەرەپ ئافغانىستاننىڭ يېقىنقى ۋەزىيتىگە قاتتىق كۈڭۈل بۈلۈپ كەلدى. باشتىن ئاخىرى ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى بارلىق ئافغانىستانلىقلارنىڭ دىگەن كۆز قاراشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قوللايدۇ.ھەرئىككى تەرەپ بۇ قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ۋە تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتا بىردەك قاراشقا كەلدى.
جۇڭگۇ تەرەپ بارلىق يول ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلنىپ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۆز رولىنى جارى قىلدىرىدۇ.