ئادىل ئابلىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(ختاي)مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش تەكلىۋى بەرگەن

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-فېۋرال

نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە، ختاينىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئىككى ئومۇمى يېغىنى -خەلق قۇرۇلتىي ۋە سياسى كېڭەش يېغىنى ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ختاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات كۈچىنى ئ‍شقا سىلىپ، ختاي ئىچى ۋە سرتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بىرىش، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.

ختاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يېغىنغا قاتنىشۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ۋەكىللەرنى ختاي سۆزلىتىپ، ئۆزىگە پايدىلىق سياسەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق سياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزى تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىز مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: «شنجاڭنىڭ مەدەنى يادىكارلىقلار ساھەسدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مەدەنى يادىكارلىقلارنىڭ ئارقسىدىكى تارىخى ئامىللارنى چوڭقۇر قېزىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جۇڭخۋا مەدەنىيتى ئامىللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىش كىرەك.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئورگان باھاسى:

بۇ ختاينىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان زىېمىننى ختاينىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلارنى بولسا-جۇڭخوۋا مىللىتىنىڭ تەركىۋى قسمى دەيدىغان پاكىتنى بۇرمىلاش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان سياسى غەرىزىنىڭ ختايپەرەس شەخسلەر ئارقىلىق ئاشكارا تەشۋىق قىلىشنى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەيزۇللا: ئۈرۈمچى ئېچىۋىتىلگەن شەھەر دەپ بىلجىرلىدى

جۈ فېۋرال 2 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2-فېۋرال ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى ئومۇمى يېغىندا ختاي ئۆزىگە ئېتتپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئىشكنى ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنى تەشۋىقاتقا ئ‍شلەتكەن. خىتاي خەلق تورى ۋە شنخۇۋا ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەيزۇللا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېچىۋىتىلگەن ۋە ئۆزىگە ئ‍شىنىدىغان روھىنى نامايان قىلغان. […]
ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى

You May Like