مودا ناخشچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 11يىللىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى قانىلىمىزنىڭ ئىگەللىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار ئۇچۇر مەركىزى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 مودا ناخشچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 11يىللىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-دېكابىر

Anne Kader

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىنگلىزچە قانىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تايمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار ئۇچۇر مەركىزى» 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1985-يىلى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكار، يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر سەنئەتكار، مۇزىكانت ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق ۋە تەشەببۇس قىلغۇچى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىپ، چوڭلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشىپلا قالماستىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياخشى كۆرگەن يېقىن ناخشىچى دوستىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ھەرخىل تىللاردا ئېيتقان ناخشىلىرى نۇرغۇن مۇھىم مىدىيالاردا تارقىتىلىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. ئۇ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى BBCخەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق مىللىي ۋە دىنى ئىدىلوگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 

2018-يىلى 3-ئايدا، ئۇ خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا ئەۋەتىلگەن. بىر نەچچە ئايدىن كىيىن، ئۇلار نامەلۇم ئەيىبلەش بىلەن ئابلاجاننى رەسمىي قولغا ئالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2018-يىلى 12-ئايدا، ئۇنى 2029-يىلى 3-ئايغىچە 11يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئېغىر جازا ئابلاجان ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ماختىغانلىقى ۋە تەشۋىق قىلغانلىقى ھەمدە ئەنگلىيە BBC خەۋەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ ھازىر جازا مۇددىتىنى نامەلۇم بىر تۈرمىدە ئۆتەۋاتقان. 

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ «ئانا يۇرت» ۋە «سۆيۈملۈك مۇئەللىم» قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان.

تەرجىمىدە: نۇربىيە

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

شىۋىتسارىيەدە كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شە دېكابىر 3 , 2022
بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە 24-نويابىر يانغىنى قۇربانلىرى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like