ياپونىيە- ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

9-ئىيۇن ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپ مىنىستىرلىقلار تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت جون موررىسسون (Scott John Morrison) ئەنگلىيەگە مېڭىش سەپىرىدىن بۇرۇن بايانات بېرىپ G7 گۇرۇھى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى تەھدىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئارمان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 10- ئىيۇن

 

9-ئىيۇن ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپ مىنىستىرلىقلار تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت جون موررىسسون (Scott John Morrison) ئەنگلىيەگە مېڭىش سەپىرىدىن بۇرۇن بايانات بېرىپ G7 گۇرۇھى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى تەھدىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

 

خەۋەر قىلىنىشىچە 9-ئىيۇن ياپونىيە- ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: » بىز شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان ت) ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، خىتاي جىددىي پوزىتسىيەدە خەلقئارادىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنى مەزكۇر رايونغا توسالغۇسىز كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش كېرەك». باياناتتا يەنە خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىمۇ ئەيىبلەنگەن.

 

شۇ كۈنى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسسونG7 يىغىنىغا مېڭىش سەپىرىدىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئاۋسترالىيەنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارنى ئاساس قىلىدىغان دۇنيادىكى كۈچلۈك ئىقتىسادى گەۋدىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم، بىخەتەر بولغان دۇنيا تەرتىپى پەقەتلا دېموكراتىك، گۈللەنگەن، تەھدىتتىن خالىي بولغان ئاكتىپ ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ».

 

10- ئىيۇن خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋىن بىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ شىكايەت قىلغان.

 

بۇ قېتىملىق سانائەتلەشكەن يەتتە (G7) دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىلىشى 11-ئىيۇندىن 13- ئىيۇنغىچە ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمان سۈپىتىدە بۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

مۇھاجىرەتتىكى خانىم- قىزلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىلىم چېيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

يە ئىيۇن 13 , 2021
6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەدىكى خانىملار ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى . ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ساكارىيادىكى قەلبى ئىلىم ئۈچۈن گۈلخان بولغان ۋەتەنپەرۋەر خانىملار ئىستانبۇلغا يىغىلىپ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى ئىلىم چېيىنى ئۆتكۈزدى.

You May Like