ياپونيەدە 5. ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرەلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

ياپونيەدە 5. ئيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرەلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

ياپونيەدە 5. ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرەلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

 

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

بۈگۈن ياپونىيەدە 5. ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى ۋە ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيتىىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ،ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى 5. ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ چاقىرىقى بىلەن بىردەكلىككە كەلگەن شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى ئارخپىنىڭ دېگىتاللاشتۇرۇلغان رەسمىنى كۆرگەزمە قىلىش نامايىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى.

نامايىشچىلار قوشۇنى توكيونىڭ ئادەملەر ئەڭ كۆپ بولغان مەركىزىدىن  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالى بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنۋېرسىتىت رايونلىرىنى ئايلىنىپ ،يول بويى شەرقى تۈركىستانغا ئازاتلىق ! ئىشغالچى خىتاي شەرقى تۈركىستاندىن يوقال ! شۇئار توۋلاپ ماڭغان.

بۈگۈن ياپونىيەنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ ئىسسىق بولۇپ ،تېمپوراتۇرانىڭ 35 دىن يۇقۇرى بولۇشىغا قارىماي ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ، ئۇيغۇر دوستلىرى ياپونلار ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان. نامايىشچىلار يول بويى جاراڭلىق شۇئار توۋلاپ ماڭغان بۇلۇپ ،بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن ساۋۇت مەمەت ئەپەندى شۇنداق دەيدۇ، بۇ نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى  5. ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇ كۈنى شەھىت كەتكەن،تۈرمىلەرگە سولانغان قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، شۇنداقلا يېقىندا پاش بولغان شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېگىتاللاشتۇرۇلغان رەسمىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋە ياپونىيە خەلقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش.

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى يەنە ، بىزنىڭ سېپىمىزگە نۇرغۇن ياپونلارمۇ قوشۇلدى ۋە دېگىتال رەسىمدىكى كودنى سكانلاپ ساقچى ھۆججىتىتىدىكى ئارخىپلارنى كۆردى. نامايىش يۇقۇرى كەيپىىياتتا ئېلىپ بېرىلدى دەيدۇ.

 

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

شىۋېتسىيەدە «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى خاتىرىلەندى

دۈ ئىيۇل 4 , 2022
شىۋېتسىيەدە «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى خاتىرىلەندى

You May Like