خىتاي دورىسى شىمالىي كورېيەدە چەكلەندى

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىم جۇڭ ئېننىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىتايدىن كەلگەن «خىتاي ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقات سان ئامبىرىدىن چىقىرىپ تاشلانغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 21-ماي
ئارمان

 

جەنۇبىي كورېيە مەتبۇئاتى 《Daily NK》 نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شىمالىي كورېيەنىڭ 60 ياشلىق بىر ئالىي ئەمەلدارى يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك خىتاي ئىشلەپچىقارغان دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قازا قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئەمەلدار شىمالىي كورېيە پرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئېننىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شىمالى كورېيە تەۋەسىدە خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن.

 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىم جۇڭ ئېننىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىتايدىن كەلگەن «خىتاي ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقات سان ئامبىرىدىن چىقىرىپ تاشلانغان.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

«شەرقىي تۈركىستان مەكتۇپلىرى» نەشر قىلىندى.

جۈ ماي 21 , 2021
مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللانغان مەكتۇپلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەكتۇپلار ئىچىدە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا يوللانغان مەكتۇپلاردىن تەركىپ تاپقان.

You May Like