ئۇيغۇرىيە تېلېۋىزيەسى يوۋتۇب قانىلىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋىدىئو قانىلى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىئو ئامبىرى بولىدۇ.مەزمۇن دائىرسى-ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر قانداق ئەھمىيەتلىك، سۈپەتلىك ۋىدىئولارنى يوللاشقا بولىدۇ.كونېكرىت دائىرسى: خەۋەر، سياسى ھەرىكەت، ۋەتەندىن سادا، لېكسيە، مەدەنىيەت، ختتاي مېدىياسى، ئىجېتىمائى ھەرىكەت، ئوتتۇرا ئاسيا، دىن، خەلقئارا ۋەزىيەت، قىرغىنچىلىق، شەخسلەر قاتارلىق تېمىلاردا بولىدۇ.

 

ئۇيغۇرىيە تېلېۋىزيەسى يوۋتۇب قانىلىنى باشقۇرۇش چارىسى 

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋىزيەسى، 18-سىنتەبىر

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋىدىئو قانىلى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىئو ئامبىرى بولىدۇ.مەزمۇن دائىرسى-ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر قانداق ئەھمىيەتلىك، سۈپەتلىك ۋىدىئولارنى يوللاشقا بولىدۇ.كونېكرىت دائىرسى: خەۋەر، سياسى ھەرىكەت،  ۋەتەندىن سادا،  لېكسيە، مەدەنىيەت، ختتاي مېدىياسى،  ئىجېتىمائى ھەرىكەت، ئوتتۇرا ئاسيا، دىن، خەلقئارا ۋەزىيەت، قىرغىنچىلىق، شەخسلەر قاتارلىق تېمىلاردا بولىدۇ.

 

1-ئۇيغۇرىيە تېلېۋىزىيەسنىڭ مەخسۇس تور بېكىتى يېڭىلىنىدۇ.

ئادېرسى:www.unn.tv ۋە www.uyghuria.tv بولىدۇ،ئىنگىلىزچە ئ‍سمى:Uyghuria TV

 

2-ۋىدىئولار يۇقىرىقى ساھەلەرگە ئائىت كونكىرىت ھادىسە،پىكىرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇشى كىرەك، ئۇزۇن-قسقىلىقى چەكلەنمەيدۇ.

مەزمۇنلار-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى تەرىپىدىن ئ‍شلەنگەن ۋە باشقىلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئەمما نەشر ھوقۇقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەشر ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ۋىدىئولارنى يوللاشقا بولمايدۇ.

3-نەشر ھوقۇقى باشقىلارغا تەۋە بولمىغان ۋىدىئولارغا ئۇيغۇرىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ لوگۇسنى قوشۇپ بىرىش كىرەك.

4-ۋىدىئولارنىڭ ماۋزۇسنى كونكىرىت قويۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ قويۇش، ماۋزۇلارنىڭ لاتىنچە، سلاۋىيانچە تەرجىمىسنى ئاستىغا قوشۇپ بىرىش كىرەك. ۋىدىئونىڭ قسقىچە مەزمۇنىنى ۋىدىئو چۈشەندۈرۈلۈشىگە قوشۇش كىرەك.ۋاقىت، ئورۇن،مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى كىرەك.

5-ۋىدىئولار ئۆزىگە ئالاقىدار پىلاي لىست (Playlist)-قويۇش تېزىملىكىگە يوللىنىشى كىرەك.

6-شۇ ۋىدىئونىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە تېمىسغا ئالاقىدار ھاشتاگنى ئەرەب يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقى،سلاۋىيان يېزىقى بويىچە ھاشتاگ قويۇش كىرەك.

7-ئەگەر ۋىدىئو مەزمۇنى ئۇيغۇرچە قانالغا يېزىلغان مەلۇم خەۋەر ياكى ماقالە بىلەن ئالاقىدار بولسا،مەزكۇر ۋىدىئ‍و ئۇلانمسنى شۇ ماقالە ياكى خەۋەر ئىچىگە قوشۇپ بىرىش كىرەك.يوۋ تۇب قانىلىغا ئىلان قىلىنغان مەزكۇر ۋىدىئ‍ونىڭ ئاستىغا ئۇيغۇرچە قانالدا ئىلان قىلىنغان مەزكۇر ۋىدىئوغا ئائىت خەۋەرنىڭ ئۇلانمىسنى قوشۇپ بىرىش كىرەك.

8-ۋىدىئولار يوۋ تۇب قانىلىغا يوللانغاندىن كىين، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانىلى فايىس بۇك سەھىپىسى، ئ‍سنتگرام قانىلى،تېۋىتتر قانىلى ئارقىلىق تارقىتىلسا بولىدۇ.شۇنداقلا،ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى فايىس بۇك سەھىپىسى ئارقىلىقمۇ تارقىتىلىشى كىرەك.

 

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، 18-سىنتەبىر، 2022-يىلى

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

قازاق ياشلىرى «ئۇيغۇر ناھىيسى»نىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى

دۈ سېنتەبىر 19 , 2022
ئۆزلىرىنى ئالمۇتا ئوبلاستىدىن ،قازاق خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرغان بىر تۈركۈم قازاق ياشلىرى ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى، «ئۇيغۇر»دىگەن ئىسمگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، قازاقستان قازاقلارنىڭ زېىمىنى ئىكەنلىكىنى، قازاقلار يىللاردىن بىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقستان زېىمىندا «ئۇيغۇر»ئىسمى بىلەن يېرى بولۇشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ياخشىلىق قىلغۇچىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان.

You May Like