ئۇنتۇلماس جىنايەت: ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەش تۈركى جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى بېجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇراسمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەش دۆلەت ختتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئ‍ولىمپىك يېغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ختتاي تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


تۇرغۇنجان تۇرسۇن، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
27- يانۋار، 2022- يىلى
ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەش دۆلەت خىتاينىڭ 2022- يىللىق بېيجىڭ ئ‍ولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، خىتاي تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىكى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دۆلىتى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ئەركىن ۋە ئ‍ىنسانپەرۋەر دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىىمپىكنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
گەرچە ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئ‍ىسمىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان بولسمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار نامىدىن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئىنگىلىزچە تەشۋىقاتلاردا «ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلار ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى قازاق، قىرغىز، ئۆز بەك، تاتار قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرمۇ كۆپ، قازاقلار ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپ قسمى قازاق…» دەپ سۆزلەپ كەلمەكتە.
بۇ بىر قسم ئۇيغۇرلار ۋە غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق دۆلەت، ھىمايىىسىز قېلىۋاتقان بىر ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق زىيانلانغۇچىسى ئەمەس دەپ تەشۋىق قىلىشنىڭ خېيىمخەتەرگە دىققەت قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

فىرانسىيەدىكى ئالتە چوڭ شەھەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شە يانۋار 29 , 2022
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى. 29-يانۋار شەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ ئالتە چوڭ شەھىرىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇش، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىش تېمىسىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like