»»ئۇيغۇر ھەرىكىتى»» نىڭ‌ ساھىبخانىلىقىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر جەم بولدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئاكتىۋىتىسلەرنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى 18_ئىيۇن ئاخىرلىشىپ ، كۇرسانتلارغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىلدى . شۇنداقلا 19_ئىيۇن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا»
DoubleTree by Hilton» مېھمانخانىسىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر جەم‌ بولۇپ ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 22- ئىيۇن

 

ئامىنە ۋايىت / سەدەف

 

ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئاكتىۋىتىسلەرنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى 18_ئىيۇن ئاخىرلىشىپ ، كۇرسانتلارغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىلدى . شۇنداقلا 19_ئىيۇن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا»
DoubleTree by Hilton» مېھمانخانىسىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر جەم‌ بولۇپ ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

 

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلاشما دەرنىكى ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ، لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىر قىسىم تەشكىلاتسىز ئاكتىۋىتىسلەر قاتناشتى .

يىغىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ ، ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئۇقۇلدى. ۋە ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئارقا_ ئارقىدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى . بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى توردىن قاتنىشىپ سۆز قىلدى .

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

<< قىزىل قىيامەت>> ناملىق كىتاب ئىككى خىل تىلدا تەڭ نەشردىن چىقتى

سە ئىيۇن 22 , 2021
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇپەتتىشى، "ئۇيغۇر ھەرىكىتى" نىڭ قۇرغۇچىسى، "ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى" نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىم تەرىپىدىن يېزىلغان<< قىزىل قىيامەت >> تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشردىن چىقتى

You May Like