خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

29-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا چەتئەلدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك«خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ ۋەخپە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تېبابىتى بۇيىچە بەش قارار ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئابدۇلمەجىد ئەركىن

 

2019-12-30

 

29-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا چەتئەلدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك«خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ ۋەخپە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تېبابىتى بۇيىچە بەش قارار ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان ئىدى.

 

يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان دورىگەر ئادىلجان بۇ يىغىندىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ شۇلارنى بايان قىلدى:

 

ۋەتەندە پېشقەدەم تېۋىپلىرىمىزنىڭ بىر بىرلەپ دۇنيادىن كېتىشى، قولغا ئېلىنىشى ۋە ئەركىن پائالىيەت قىلالماسلىقى، شۇنىڭدەك خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا خىرىس قىلىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپى مەسئۇلى مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچىنىڭ باشچىلىقىدا ۋە بىر قىسىم تېبابەت خادىملىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىن ئۇيغۇر تېبابىتىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، كىنىشكىسىز ياكى يەككە ھالەتتىكى ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنى قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە سېستىمىلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

مەلۇم بۇلۇشىچە بۇ يىغىندا «خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ئىلمىي جەمىيىتى» قۇرۇلغان. 6 ئايدا بىر چىقىدىغان «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي ژۇرنىلى» تەسسىس قىلىنغان ۋە تۇنجى سانىغا دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىق 7، 8 ئالىمنىڭ ئىلمىي ماقالىسى بېسىلغان.

 

يىغىن زالىغا مىلادىدىن بۇرۇنقى تېبابەت ئالىمى غازىبايدىن تارتىپ ھۈسەيىن تەجەللى، خالمۇرات غۇپۇرغىچە بولغان تېبابەت ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىمى، قىسقىچە تەرجىمەھالى ۋە ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئېسىلغان.

 

ئىگىلىشىمىزچە تۈركىيەدە 5 يىل جەريانىدا 30 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر تېبابەت دورا دۇكىنى ۋە داۋالاش مەركىزى ئېچىلغان ئەمما ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرالىغانلار ئاز بولغان. ھازىر 15چە دۇكان ياكى داۋالاش مەركىزى بارلىقى مەلۇم.

 

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن يۇقىرى ئۇنۋانلىق تېبابەت خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دەك كىشى ۋە بىر قىسىم تۈرۈك مىھمانلار قاتناشقان.

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

24 بەتلىك مەخپى ھۆججەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سە دېكابىر 31 , 2019
بۇ يىل 11-ئاينىڭ 24- كۈنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم قولغا چۈشۈرگەن 24 بەتلىك مەخپى ھۆججەت خەلقئارا مۇخبىرلارنىڭ ياردىمىدە دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇرئاگىنتلىقىمىز پىدائىيلىرى ئاسىيە خانىمدىن مەخپى ھۆججەت ئارگىنالىنى سوراپ ئالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ چىقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاسىيە خانىمغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمىز!

You May Like