پارتلاتقۇچ: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنەس كانتىرنىڭ كاللىسغا 500مىڭ دوللار مۇكاپات ئىلان قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى،ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئىككىگە ئايرىلدى

پارتلاتقۇچ: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنەس كانتىرنىڭ كاللىسغا 500مىڭ دوللار مۇكاپات ئىلان قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.ئەنەس ن ب ئا ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى

تۇرسۇنجان،14-يانۋار،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

 

تۇرسۇنجان،14-يانۋار،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسگە يېقىن داڭلىق تاراتقۇلاردىن فوكس خەۋەرلىرى ۋە نيۇيورك پوچتىسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، سابىق ن ب ئا ۋاسكتېبول چولپىنى، دۇنيادا كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان ئەنەس كانتىر فىرىدوم نيۇيورك پوچتىسىغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز كاللسىغا 500 مىڭ دوللار مۇكاپات ئىلان قىلىپ، خەلقئارالىق قاتىللار گۇرۇھىنى ياللىماقچى بولغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى  يىللاردىن بىرى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى تەنقىىد قىلىپ كەلمەكتە بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئەكرەم ئىمامئوغلۇغا ئوخشاش رىقابەتچىلىرىنىڭ ئۆزىگە قارشى سايلامغا قاتنىششنى چەكلەش، كىشلىك ھوقۇقنى باستۇرۇش،  سەنئەتكارلارنى تۇتۇش،  ئۇيغۇر مەسلىسدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىكى،  ختتايغا كۇچۇكلىنىش،  تاجاۋۇزچى روسيە بىلەن يېقىنلىقنى ساقلاش قاتارلىق مەسللەر سەۋەبلىك ئەردوغاننى دىكتاتۇرلۇق بىلەن تەنقىد قىلىدۇ.

ئەنەسختتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن،ئۇ ئۆزىنىڭ مىلىيون دوللارلىق خىزمىتىدىن ئايرىلدى.بۇ دۇنيا مەتبۇئاتىدا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان.

 

ئەنەس كانتىرئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتچى بولۇپ،ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئۇنى فەتھۇللا گۈلەننى قوللىغانلىق بىلەن ئەيىپلەيدۇ.

ئەنەس كانتىرنى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بارلىق ئەزالار ئايرىمئايرم كۇتۇۋالغان بولۇپ، بۇ ئاز ئۇچراىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئىتىراپ قىلىش ھسابلىنىدۇ.

ئەنەس كانتىر ئۆزىگە ئىلان قىلىنغان بۇ قاتىللىق مۇكاپاتى ھەققىدە مۇنداق دىگەن: بۇرۇن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى مىنى تۇتماقچى بولسا، ئەمدى دۇنيا بويلاپ جىنايەتچىلەرنى مىنى ئۆلتۈرۈشكە كۇشكۇرتىۋاتىدۇ،ئەردوغاننىڭ قولىدىن ھەر قانداق رەزىللىك كىلىدۇ.

 

 

ئەمما تۈركىيە سرتىدا ئەنەس كانتىرنىڭ ئوبرازى باشقىچە: داڭلىق ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى، مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرگىچى، ختتايغا ۋە دىكتاتۇرلارغا قارشى تۇرغۇچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ سۆزلىگەن تەنھەرىكەتچى، يەھۇدىلار ۋە مۇسۇلمانلار دوسلۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى.

ئۇيغۇرلار ئەنەس كانتىر ھەققىدە ئىككى ئېقىمغا ئايرىلغان:

بىر تۈركۈمى: ئەنەس كانتىر ئۇيغۇرلار ئۇچۇن كۆپلەپ خىزمەت قىلغان،بىز ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىمىز،ئۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىسىئۆزىنىڭ ئىچكى مەسلىسى،بىز ئۇنىڭغا ئارىلاشمايمىز.

يەنە بىر تۈركۈمى:ئەنەس كانتىرتۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېىشغا تەگدى.ئۇ ھازىر تۈركىيەنىڭ دۇشمىنى،تۈركىيە بولسائۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت،ئەگەر بىز ئەنەسنى قوللىساق، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىزدىن ئۆچ ئالىدۇ،تۈركىيەدىكىب ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئالىدۇ،تۈركىيەنىڭ ئىچكى سياسىتىدا ھەتتا ئەڭ كاتتا چوڭ سياسەتچىلەرنىمۇ قارىلايدۇ،تۇتىدۇ،بىز ئۇيغۇرلارنى مەخپى ئۆتكۇزۇپ بەرسە ھىچنىمە قىلالمايمىز.

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئەلاھىدە خۇشخەۋەر

يە يانۋار 15 , 2023
تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تۇركىيەنىڭ بۇرسا شەھرىگە يىغىلىپ ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن باسىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە ستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى بىلەن ياشلارنى ئۇچراشتۇرۇش، دۇنيا سىياسىتىگە تەسىرى كۇچلۇك بۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە نىمىلەرنى قىلالايمىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش…

You May Like