تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستان جىلۋەلىرى

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان تۈرۈك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بۇ يىل 10_3_كۈندىن 6_كۈنگىچە ئىستانبول ئاتا تۈرك ئايدورۇمدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-10-7

تەييارلىغۇچى: سەدەف

  يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان تۈرۈك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بۇ يىل 10_3_كۈندىن 6_كۈنگىچە ئىستانبول ئاتا تۈرك ئايدورۇمدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 900 دىن كۆپ ماھىر قاتناشقان بولۇپ، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق 60 خىلغا يېقىن تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ تاماق، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىن باشقا، ھەرخىل مىللىي ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ. نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر دەرنىكى 4 يىلدىن بىرى ئىزچىل بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىۋاتقان بۇلۇپ، بۇ يىل يەنە بۈيۈك تۈركىستانلىقلار دەرنىكى ۋە تۈركىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئاسىيە قاراقاش خانىملارمۇ ئايرىم _ئايرىم چىدىرلاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ۋە يەرلىك خەلقلەرنى كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىيىم _كىچەك، تۇرالغۇ _ئۆي، يىمەك _ئىچمەك، نەققاشچىلىق ۋە كەشتىچىلىك مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇردى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمىيتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ،ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقچىللىرى ۋە ژورناللارنى تارقاتسا، بۈيۈك تۈركىستانلىقلار دەرنەك باشلىقى يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلۇ چىدىر ئالدىدىكى مەيداندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىر ئەھۋالىنى توختىماي ئاڭلىتىپ دۇنيانى ئۇيغۇرغا ساھىپ چىقىشقا چاقىردى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقنى بىرىش ئۈچۈن يەرلىك تۈرۈك قېرىنداشلاردىن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. نەچچە مىڭلىغان خەلىق ئاكتىپلىق بىلەن بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى.   پائالىيەت جەريانىدا تۈرۈك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە فىدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمە ئورنىنى زىيارەت قىلدى. بىلال ئەردوغاننى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر كۈتۈۋېلىپ، ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ _ئۈمىتلىرنى يەتكۈزدى. شەرقىي تۈركىستان چىدىرنى يەنە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلى كايا ۋە زەيتۇن بۇرۇنۇ رايۇننىڭ باشلىقى مەھمەت ماكاس قاتارلىقلار زىيارەت قىلدى. ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان چىدىرنى زىيارەت قىلغان ئۇقۇغۇچىلارغا نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر دەرنىكىدىن مىنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى ، بۇ يىلقى 4كۈنلۈك كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان چىدىرلىرى ئەڭ كۆپ زىيارەتچى قۇبۇل قىلغان چىدىرلاردىن بۇلۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ خىزمەت قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى

سە ئۆكتەبىر 8 , 2019
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە) ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى. بۇ قىتىملىق يىغىنغا فارابىي تەلىم -تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ

You May Like