پەلەستىنگە بېرىلىدىغان ياردەملەر جىددىي كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا غەززە رايونىغا 110 مىلىيون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدۇ. ئامېرىكا پەلەستىنگە يىلىغا جەمئى 235 مىلىيون دوللار ياردەم قىلىدۇ.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2021- يىلى 28- ماي

 

ئامېرىكا غەززە رايونىغا 110 مىلىيون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدۇ. ئامېرىكا پەلەستىنگە يىلىغا جەمئى 235 مىلىيون دوللار ياردەم قىلىدۇ.
توقۇنۇشتىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 95 مىليون دوللار ياردەم قىلىدۇ.
ئامېرىكا ئوكس فارم يېمەك -ئېچمەك ۋە دورا ياردەم قىلىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋاكسنا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ياۋروپا ئىتتپاقى 34 مىلىيون ياۋرو ياردەم ئېلان قىلدى.
خىتاي بىر مىلىيون دوللار نەق پۇل ئەۋەتتى.
مىسىر دۆلەت خەزىنسدىن 500 مىلىيون دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاممىۋى تەشكىلاتلار 10 مىلىيون دوللار ياردەم توپلىدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەردوغان تەختكە چىققاندىن بېرى، پەلەستىنگە 300 مىلىيون دوللار ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2021- يىلى ئاپرېل ئېيىدا، 10 مىلىيون دوللار ياردەم قىلدى، ئەمما تۈركىيەدە ئىشسزلىق ۋە ئاچلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ۋەقەلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.
2014- يىلدىن 2019- يىلغىچە قاتار ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ رۇخسىتى بىلەن پەلەستىنگە بىر مىلىيارد دوللار قايتا قۇرۇش ياردىمى تەمىنلىگەن. 2021- يىلى ئۇرۇشتىن كېيىن 500 مىلىيون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ماراكەش 40 توننا يېمەك – ئىچمەك، دورا ئەۋەتتى.
باشقا شەخسلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر 50 مىلىيون دوللاردىن ئاشقان. مەسىلەن: پائالىيەتچى مالالا 150 مىڭ دوللار ياردەم قىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بايدىن خىتاينى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان يېڭى مۇداپىئە خامچوت پىلانىنى ئېلان قىلدى

يە ماي 30 , 2021
پرېزىدېنت ئوتتۇرىغا قويغان خامچوت تەلىپى دۆلەت مەجلىسى كېڭىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، مەبلەغنى قانداق ئىشلىتىشنى ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت مەجلىسى بەلگىلەيدۇ.

You May Like