نۇسرات غانى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

نۇسرات غانى خانىم ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلا پارتىيەسىگە مەنسۇپ بولغان پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەنلىگى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا نۇسرات غانى خانىمغا، باشقا 8 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، تەتقىقات خادىملىرى ۋە قانۇنچىلار بىلەن بىرلىكتە جازا بەرگەن ئىدى.

سەمەت ئابلا

 

نۇسرات غانى خانىم ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلا پارتىيەسىگە مەنسۇپ بولغان پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەنلىگى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا نۇسرات غانى خانىمغا، باشقا 8 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، تەتقىقات خادىملىرى ۋە قانۇنچىلار بىلەن بىرلىكتە جازا بەرگەن ئىدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ جازاسى ئۇنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن چېكىندۈرەلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ قېتىم ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنىڭ ئېلىنىشىدا نۇسرات غانى خانىمنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولدى.

 

نۇسرات غانى خانىم 1972- يىلى پاكىستان كونتىرۇللۇقىدىكى كەشمىردە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرگە ئەنگىلىيە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ۋە بېرمىنگام شەھرىدە ئۆسۈپ، ئوقۇپ چوڭ بولغان. ئىككى ئۇنۋېرستىتنى پۈتتۈرگەن. 2010- يىلدىن ئېتىبارەن سىياسىي ھاياتىنى باشلاپ، 2015- يىلى ئەنگىليە پالامېنتىغا كىرگەن.

 

نۇسرات غانى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىغىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەققانىيەت جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۈيۈملۈك دوستى ۋە قەھرىمانىغا ئايلاندى! ئۇنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئۇيغۇر ئەتلىسىنى سارى قىلىپ سېلىپ، نۇتۇق سۆزلىگەندىكى ئاشۇ گۈزەل سىماسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە نەقىش بولۇپ ئويۇلدى!

 

نۇسرات غانى خانىم ھازىرغىچە بىزنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن باشقا غەربلىك سىياسەتچىلەردىن مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. بىرى كۆچمەن، يەنە بىرى مۇسۇلمان ئايال.

 

مەن تۈنۈگۈندىن بېرى ئەگەر نۇسرات غانى پاكىستاندا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە مۇشۇ كۈندە پاكىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان بولسا ھازىرقىدەك بىزنى قوللىيالىشى مۇمكىن بولارمىدى؟ دېگەننى ئويلىدىم. مەنچە ناتايىن.

 

نۇسرات غانىنى ھەققانىيەت ئۈچۈن، ئىنسانلىق ئۈچۈن، بىزدەك زۇلۇم چەككەنلەر ئۈچۈن تىك تۇرالايدىغان روھ ۋە جاسارەتكە ئىگە قىلغان ئامىل ئۇنىڭ ئادالەتسۆيەر پەزىلىتىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ دەل ئەنگىلىيەدە يىلتىز تارتقان غەربچە ئىنسانپەرۋەرلىك، دېمكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى قىممەت قارىشىدۇر! بۇ بىز ئۈچۈن پولاتتەك پاكىتقا ئايلاندى. بۇنى كۆرمەسلىك، چۈشەنمەسلىك ياكى چۈشىنىشكە تىرىشماسلىق بىخۇتلۇق، نادانلىقتۇر!

 

يەنە شۇنداقمۇ ئويلاپ باقايلى، ئەگەر نۇسرات غانى خانىم، سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ياكى «ئاياللارنىڭ ئورنى قازان بېشىدا، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى بالا تۇغۇش، ئېرىنى كۈتۈش …» دەپ قارايدىغان تالىبان ياكى دائىش دۆلىتىدە (ئەگەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە) ياشاپ قالغان بولسا، سىياسەتچى بولالىشى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر دۆلەت ئىشلىرىغا ئارلىشالىشى، ئادالەت ئۈچۈن، ئىزىلگەنلەر ئۈچۈن سەھنىلەردە سۆزلىيەلىشى مۇمكىنمىتى؟! ئەسلا مۇمكىن ئەمەستى! بۇنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ!!

 

شۇڭا ئاخىردا مىللەتداشلىرىمغا دەيدىغىنىم، ئۇيغۇر مىللىتى بىر تەرەپتىن تولىمۇ خەتەرلىك بىر كرىزىس ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ تارىخى ۋە بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتلىرىنىمۇ كۆرگەندەك بولۇۋاتىمىز. شۇڭا ھەر ئىشتا ھۇشيار بولۇشىمىز، ئەقىللىق بولۇشىمىز، كىم بىلەن بىللە تۇرۇش، كىملەردىن يىراق تۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي ئۇسۇل ئەمىليەتكە قاراش، يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىققا يۈزلىنىش، خام خىيالغا، ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايىلەرگە بېرىلمەسلىكىمىز لازىم. بىزنىڭ يەنە خاتالىشىدىغانغا پۇرسىتىمىز قالمىدى، ئەمدى يەنە خاتالاشساق بىزنى كۈتىۋاتقىنى ئۈزۈل – كېسىل گۇمران بولۇش!

 

2021- يىلى، 23- ئاپرېل، نورۋېگىيە

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پارتىلاتقۇچ: ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدىن 1915- يىلى ئوسمان ئىمپرىيەسنىڭ ئەرمەنى باستۇرۇشنى قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىدى.

شە ئاپرېل 24 , 2021
پارتىلاتقۇچ: ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدىن 1915- يىلى ئوسمان ئىمپرىيەسنىڭ ئەرمەنى باستۇرۇشنى قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىدى.

You May Like