جەنۋەدىكى نامايىش تەسىراتىم

جەنۋەدىكى نامايىش تەسىراتىم

جەنۋەدىكى نامايىش تەسىراتىم 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر 

بۇلتۇر 10-ئايدا پارىژدا ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن بۇيان سالامەتلىكىم تازا دېگەندەك ئەسلىگە كېلىپ بولالماي خىزمەت ئورنىمدىمۇ يېرىم كۈن ئىشلەپ يېرىم كۈن داۋالىنىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا  ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى تىنچ  شەكىللىك نامايىشنىمۇ ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. 

بىر مەزگىل نامايىش قىلمىغاندىكىن راست گەپنى قىلسام نامايىشنى سېغىنىپمۇ قىلىپتىمەن. ئازراق بولسىمۇ نامايىش خۇمارىمنى بېسىش ۋە مىللىتىم ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە جەنۋەدىكى نامايىشقا قاتناشتىم. نامايىش بۈگۈن 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدىكى بۇزۇق ئورۇندۇق مەيدانىغا گوللاندىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى مېشىل باچېلىت خانىم «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىڭ » ناملىق نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن توپلاندى. بۈگۈن ئەتىگەندىلا بۇ مەيدان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت نامايىش پىلاكاتلىرى، جازا لاگېرى كىيىملىرىنى كىيگەن پۇتلىرىغا زەنجىر -كىشەن سېلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن  تولغان ئىدى. نامايىشقا شېۋېتسارىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى. نامايىش ئەتىگەن سائەت 10 دا داغدۇغىلىق باشلىنىپ بۇزۇق ئورۇندۇق مەيدانىدىن جەنۋە كۈلى بويىغا جايلاشقان ۋېلسىن سارىيىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئالدىغا بارغىچە يول بويى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات ! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈكۈتنى بۇز! ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىل! خىتاي ھۆكۈمىتى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆلۈۋاتىدۇ! خىتاي ھۆكۈمىتى دىئالوگ ئۆتكۈزمىسە، تەكشۈرۈشكە بارما! » دېگەندەك جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭدۇق. مۇخبىرلار، ساياھەتچىلەر يول بويى توختىماي فىلىمگە ۋە رەسىمگە تارتىپ ماڭدى. ۋېلسۇن سارىيىنىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە دولقۇن ئەيسا، روشەن ئابباس، جازا لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ئارقا -ئارقىدىن سۆز قىلىپ مېشىل باچىلىت خانىمنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى »ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى. 

سائەت 12:30 بولغاندا 60 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئىمزا قويغان خەت، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروجېكىتى تەييارلىغان 480 ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدلىيە ئامبىرى تەييارلىغان 7000 دىن ئارتۇق غايىب بولغان ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى 10 نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىدىكى بىر خادىمغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. بۇ خادىم ھەربىر ئۇيغۇر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش جەريانىدا مەن گوللاندىيەدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، مانا بۇ 5 يىلدىن بۇيان غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ رەسىملىرى دەپ كىيىم شەكىلدە ئۈستۈمگە كىيىۋالغان لايىھىنى كۆرسەتتىم. بۇ خادىم مەن سىلەر تەييارلىغان بۇ ماتېرىياللارنى مېشىل باچېلىت خانىمغا يەتكۈزىمەن دەپ ۋەدە بەردى. يىغىپ ئېيتقاندا بىز بۈگۈن ۋەتەندە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغان جازا لاگېرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، چارىسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىغا يەتكۈزدۇق. بىر كۈنلۈك خىزمىتىمدىن رۇخسەت سوراپ 13 سائەت ماشىنىلىق جاپالىق يول يۈرۈپ قاتناشقان بۇ نامايىشم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خادىمى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ھاردۇقىممۇ چىقىپ قالغاندەك بولدى. «سەۋەب بىزدىن نەتىجە ئاللاھ » دىن دەپ مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلغان بۇ خىزمەتلىرىمىز بىرەر خەيرلىك ئىشلارنىڭ روياپقا چىقىشىغا ۋەسىلە بولغۇسى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

«كارۋان ساداسى» دىن ياڭرىغان سادا

دۈ ماي 16 , 2022
«كارۋان ساداسى» دىن ياڭرىغان سادا

You May Like