جەنۋەدە ئۇيغۇر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى يوقىتىۋىتىلگەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنى …

بىلمەسجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 17- سىنتەبىر

 

رېيتېر ئاگېنتلىقى 16- سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى يوقىتىۋىتىلگەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنى «ئاقتۇرالمايدىغان سىياسىي ھىيلە» ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىنى «خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، پايدا ئالماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن چېكىنىمۇ يوقىتىپ قويدى.» دەپ ئەيىبلىدى.

«بىز ئامېرىكىغا شۇنى نەسىھەت قىلىمىزكى، بىر ئوچۇق-ئاشكارا چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا بايلىق ۋە كۈچىنى ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلىشى، ئەكسىچە باشقا دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخىل-تەرۈز قىلىپ، بۇنداق ئاقماس سىياسىي ھىيلىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى لازىم.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە كېيىنچە بىريۇسسېل ۋە بېرلىندىمۇ ئۆتكۈزىلىدىكەن.

خىتاي تەرەپ بولسا بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكىلىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ، يۇقىرقىدەك سۆزلەرنى قىلغان.

 

پايدىلانغان مەنبە: رېيتېر ئاگېنتلىقى

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشى قايتىدىن چەكلەندى

شە سېنتەبىر 18 , 2021
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشى قايتىدىن چەكلەندى

You May Like