ئىستانبۇلدا داۋاملىشىۋاتقان <<مىللەت نۆۋىتى>> پائالىيىتى ساقچىلارنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى

بۈگۈنكى «نۆۋەت» پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەتەنداشلار ئالدى بىلەن خىتاي جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى مېھراينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر خانىم ئانىسىنىڭ 4 ئاي ئىلگىرى جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرىنىمۇ بۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالغان . خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى قەد كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان خەلقىمىزنىڭ بۇ پائالىيىتى 179 كۈندىن بېرى ئىسسىق- سوغۇق دېمەستىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 15- ئىيۇن

 

بۈگۈن 15-ئىيۇن، ئىستانبۇل خىتاي كونسۇلى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان <<مىللەت نۆۋىتى>> پائالىيىتىنىڭ 179_كۈنى .

 

بۈگۈنكى «نۆۋەت» پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەتەنداشلار ئالدى بىلەن خىتاي جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى مېھراينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر خانىم ئانىسىنىڭ 4 ئاي ئىلگىرى جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرىنىمۇ بۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالغان . خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى قەد كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان خەلقىمىزنىڭ بۇ پائالىيىتى 179 كۈندىن بېرى ئىسسىق- سوغۇق دېمەستىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

 

خەلقىمىز ئالتە ئايدىن بېرى تىنچ ھالدا خىتاي كونسۇلىدىن ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە ئۇلاردىن سادا چىقمىغان. بۇنىڭدىن باشقا ۋەتەندىن ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق كېلىۋاتقان يۇقىرىقىدەك پاجىئەلىك ئۇچۇرلار خەلقىمىزنىڭ سەۋر قاچىسىنى توشقۇزغان ئىدى. بۈگۈنكى پائالىيەت جەريانىدا غەزەپلەنگەن كۆپچىلىك ساقچىلارنىڭ قويغان توساقلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە كونسۇل ئىچىگە كىرىپ ئۇلاردىن جاۋاب ئېلىشنى ئۈمىد قىلغان، نەتىجىدە ئامانلىق قوغداۋاتقان يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ ئىككى تەرەپ خېلى قاتتىق تىركەشكەن.

 

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان مەدىنە نازىمى خانىم ۋە مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى قاتارلىقلار پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىگە ئىگە چىقىشىنى تەۋسىيە قىلغاندىن سىرت تۈركىيە ھۆكۈمىتى شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردۇغانغا خىتاب قىلىپ، دۇنيا ئەللىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى» ئارقا- ئارقىدىن ئېتىراپ قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە ۋەتەندىشى بولغان تۇرۇقلۇقمۇ خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ كېلىشىنى، شۇنداقلا دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندە غايىب قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ياۋروپا ئىتتپاقى: خىتاي سىستېمىلىق رىقابەتچى، ئىنسان ھەقلىرى ئاساسى سەۋەب

چا ئىيۇن 16 , 2021
ياۋروپا ئىتتىپاقى كوممىسسيونى پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا ۋون لەيىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن مۇخبرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچقاندا مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك رىقابەتچى، بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوق. شۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىز تەدبىرگە مۇھتاجمىز

You May Like