بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

4-ماي سەيشەنبە سائەت 12دىن باشلاپ بېلگىيە پايتەختى بريۇسېلدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، پارلامېنت بىنالىرى ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تور مۇلازىمەت سۇپىسى Belnet كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بېلگىيە <<ئەركىن>>(La Libre ) گېزىتىنىڭ شۇ كۈنلۈك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك پارلامېنتتىكى ئېچىلماقچى بولغان بارلىق يىغىنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە شۇ كۈنى ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 4-ماي

ئارمان

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي تەرىپىدىن جازاغا ئۇچرىغان بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامۈئەل كوگولاتى (Samuel Cogolati) نىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈلۈشىچە بۈگۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنى بېلگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئېچىلغان تۇنجى يىغىن بولۇپ، نەق مەيداندىن سىرت يەنە تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغۇچىلارمۇ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما تور ھۇجۇمى تۈپەيلى، يىغىننى ئېچىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئۇ يەنە گوللاندىيەدىن لاگېر شاھىتلىرىنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن . مۇخبىرلارنىڭ ھۇجۇمنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: » ھازىرچە بۇنىڭ خىتايدىن ياكى باشقا دۆلەتتىن كەلگەنلىكىگە ئېنىقلىما بېرىش سەل بالدۇر، پارلامېنت تور سىستېمىسىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئورگان تور سۇپىلىرىمۇ ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بۇ ۋەقە داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، پات يېقىندا چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىمىز».

بېلگىيە ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى(Université libre de Bruxelles) تەتقىقاتچىسى ۋانىسسا فخاڭۋىل(Vanessa Frangville) خانىم ئىجتىمائىي تور سۇپىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: » بۈگۈن بېلگىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش يىغىنىغا مەنمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشماقچى ئىدىم، بۇ بەكمۇ مۇھىم يىغىن بولۇپ پارلامېنتتىن ماقۇللىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىدى، لاگېر شاھىتلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان، ئەمما قىزىقارلىق يېرى شۇكى يىغىن باشلىنىشتىن بىر سائەت بۇرۇن تور ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى».

خەۋەردە دېيىلىشىچە يىغىن ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18- كۈنىگە سۈرۈلگەن.

پايدىلانغان خەۋەر ئۇلىنىشى:

https://www.lalibre.be/belgique/politique-belge/la-chine-pourrait-elle-avoir-premedite-la-cyberattaque-qui-touche-actuellement-la-chambre-samuel-cogolati-repond-609145db7b50a61692a2c601?fbclid=IwAR0SovjywOwO5lWJ7UvDyKywOkgyRYqB4_FMzOJ2ouHbxNmI5b_NE8z18Yo

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى توختاتتى

پە ماي 6 , 2021
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- ماي

You May Like