بايدىن: خىتاينىڭ تامىقىمىزنى يەۋىلىشىگە يول قويمايمىز

«فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى» خەۋىرى: خوڭكوڭ «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ دوكلات قىلىشىچە، بايدىن 6- ماي لۇئىسىئانا شىتاتىغا «ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش لايىھىسى» نى ئومۇملاشتۇرغىلى بارغان. ئۇ چارلىز كۆلىدىكى كالكاسىي دەرياسى كۆۋرۈكى (Calcasieu River Bridge) نىڭ ئالدىدىكى لېكسىيەسىدە، ئامېرىكىدا بۇنداق جىددىي رېمۇنت قىلىشقا تېگىشلىك كۆۋرۈكتىن نەچچە مىڭىنىڭ بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى مەبلەغ سېلىشقا سەل قاراپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيىسىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى، خىتاينىڭ بولسا تېز يېتىشىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 9- ماي

بايدىن مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا بۇرۇن GDP نىڭ %2.4 نى تەتقىقات ساھەسىگە سالاتتى، شۇڭا ئۇ دۇنيادا يېتەكچى دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى. ئەمما ھازىر پەقەت %0.7 مەبلەغلا ئاجرىتىدۇ.»

ئۇ: «خىتايلار ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىزنىڭ چۈشلۈك تامىقىمىزنى يەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تەتقىقاتقا ئاجراتقان مەبلىغى نەچچە يۈز مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ… ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ توكلۇق ماشىنا بازىرىنى ئىگىلەيدۇ.» دېدى.

بايدىن يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بىر يېڭى تەسەۋۋۇرى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز تۇپرىقىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سالىدىغان بىر لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇ يىل مۆلچەر بويىچە 600 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

خەۋەر مەنبەسى: فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ب د ت دا ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىن خىتاينىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى

دۈ ماي 10 , 2021
10- ماي دۈشەنبە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنغا قارىتا بايانات بەرگەن.

You May Like