ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎمە ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗلدى

ﺑﯜﮔﯜﻥ، ﻳﻪﻧﻰ 17 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ !

 

ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎمە ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗلدى

 

مەنبە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقاتى

ﺑﯜﮔﯜﻥ، ﻳﻪﻧﻰ 17 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ !

،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪلقىگە ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞە ﺑﯘﺧﯩﻞ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ تەييارلاپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﺴﻰ 17 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭەئىسى ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ، ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﺋﯩﺠﺮﺍئىيە ﻛﻮمىتىتىنىڭ ﺭەئىسى ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺩىرېكتورى ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ، ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪنگىلىيەدىكى ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺗﻰ مايكىل ﭘﻮﻻﻙ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭگېنتىنادىكى ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﮔﺎﺑﺮىيل ﻛﺎﯞﺍﻟﻠﻮ ﯞە ھۇئان نېتولاردىن ﺗﻪﺭكىپ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ بوينىس ئايرىستىكى 12 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺭگېنتىنا فېدىرال ﺳﻮﺗﭽﯩﻼﺭ ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.

15 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺋﺎﺭگېنتىنانىڭ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ بوينىس ئايرىسقا يېتىپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﻰ 16 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭەت ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺭگېنتىنانىڭ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪسئۇل ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەتلىك ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪپسىلىي ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ بوينىس ئايرىس ﺷﻪھىرىدە ﺳﯩﻴﺎسىي ﺋﻪﺭﺑﺎﭘﻼﺭ،ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪسئۇللىرى، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩىنىي ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞەكىللىرى ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﺩﺍئىرىدە ﺋﯘﭼﺮﯗﺷﯘﺵ ئېلىپ بېرىپ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯚﯞەتتىكى ۋەزىيىتى ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻧﯚﯞەتتە ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭگېنتىنانىڭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەتلىرى ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﻪ ﺳﯘﻧﯘﺷﻰ ﺋﺎﺭگېنتىنانىڭ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮪﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ،ﺧﻪلقئارالىق ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﻰ.

ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ مايكىل ﭘﻮﻻﻙ،ﮔﺎﺑﺮىيل ﻛﺎﯞﺍﻟﻠﻮ ﯞە ھۇئان نېتولاردىن ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﻪ ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ بوينىس ئايرىستا ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭگېنتىنا فېدىرال ﺳﻮﺗﭽﯩﻼﺭ ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﯚﯞەتتە ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەر ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪپسىلىي ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﻪ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﺕ ﻛﻮﻟﻠﯩﮕﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛﯜﻣﻨﺎﻣﯩﺴﻰ، ب د ت ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەتلىك ﺩوﻛﻼﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪلقئارالىق ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞە بىتەرەپ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ئېلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ يېقىندا ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ < شىنجاڭ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﮪﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ > ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ تەييارلانغان ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﺎﮪﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻻﮔﯩﺮ ﺷﺎﮪﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪپسىلىي ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ كەتمىگەن ﺋﺎﺭگېنتىنادا ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﺎﺭﮔېنتىنا ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰزىق نۇقتىسىغا ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭەئىسى ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ :

< ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪسئۇلىيەتنى ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻗﻪﺩىمى ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯩﺴﺎبلىنىدۇ. ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮغىنچىلىقىغا ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﯞﻩ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪلقئارا ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞە ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩەندى، ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺷﯩﻜﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭەسمىي ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪە ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ >.

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍئىيە ﻛﻮمىتىتىنىڭ ﺭەئىسى ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺩىرېكتورى ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯨﺪە:

< ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻥ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﯩﻨﺎيى ﺟﺎﯞﺍبكارلىقتىن ﺋﻪﺳﻼ قېچىپ ﻗﯘتۇلالمايدۇ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻪلقئارا ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺳﻮﺗﻰ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯘﯕﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪلقئارالىق ﺳﻮﺗﻼﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ئېلىپ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ئېلىپ بېرىشنى ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩە ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ئېلىپ بېرىپ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍبكارلىققا ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ > ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ.

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ تەييارلاشقا ﻣﻪسئۇل ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪنگىلىيەلىك ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺕ مايكىل ﭘﻮﻻﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯨﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ :

< ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩەپ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﺳﻼ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩېيىلگەن ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜنگە ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ئېلىپ بېرىش ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻮﻝ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﯞﺍﺗﯩﺪۇ، ﺑﯩﺰ ﺧﻪلقئارا جاماﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﯞە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ قېلىش ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻴﺎسىي ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ تېخىمۇ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﯩﺰ >.

مايكىل ﭘﻮﻻﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ب د ت ﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍئىمىي ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻖ ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﯞە ﯞېتو ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻮﻗﻮﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﻪلقئارا ﺳﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﮪﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﺳﻪﯞەبتىن ﺧﻪلقئارا ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺳﻮﺗﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮغىنچىلىقى ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ئېلىپ بېرىشىنى ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩە ﺭەت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺷﯘنىڭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪەك ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺭﯨﺰ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ھىس ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﻪ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ نېمە سەۋەبتىن ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﻯ ؟

ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺟﺎﺯﺍ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﯓ ﺩﺍئىرىلىك ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺋﺎﺳﺎسىي ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ 118 – ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺟﺎﺯﺍ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪتئىينەزەر ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﯞە ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ئېلىپ بېرىش ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍبكارلىقىنى ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﮪﻮقۇﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺑﯘنىڭغا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺟﺎﺯﺍ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺩېكتاتور ﻓﺮﺍنسىسكو ﻓﺮﺍﻧﻜﻮ ﯞە روھىڭگا مۇﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ئېلىپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ بېرما ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺑﺎﺷﻼﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﯞﺯەللىكىنى ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﯨﺰ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞە ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺕ مايكىل ﭘﻮﻻﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﻪ تەييارلاشقا ﻣﻪسئۇل ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺭگېنتىنادىنمۇ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺕ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

بوينىس ئايرىستىكى 12 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺭگېنتىنا فېدىرال ﺳﻮﺗﭽﯩﻼﺭ ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺩەسلەپكى ﻗﻪﺩەمدە ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ – ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ئېلىپ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن فېدىرال ﺳﻮﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭەھبەرلىرىنىڭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ئېلىپ بېرىپ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﻛﯜﺯەتكۈچىلەرنىڭ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﺭﯨﺰﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئېھتىماللىقى ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ئېلىپ بېرىۋاتقان ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﺎﻏﺪەك ﺩەلىللەر ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﺋﯘنىڭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎمېرىكا ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻمېنتى ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ سەككىز ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻمېنتلىرى ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭەسمىي ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭگېنتىنا ﺳﻮﺗﯩﻨﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭەتلەندۇرىدىغان مۇھىم ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەت.

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر تەشۋىقات مەركىزى

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان ليېۋ شەھىرىدە پىرەزدىنىت زىلنىسكى بىلەن كۆرۈشتى

پە ئاۋغۇست 18 , 2022
تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان ليېۋ شەھىرىدە پىرەزدىنىت زىلنىسكى بىلەن كۆرۈشتى

You May Like