ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 12-دېكابىر
ئامىنە سەدەف
12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى، ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا بۇ كۈنمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلىق ھوقۇقى بولمىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشتى. ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان تۈركىيەدىمۇ بۇ كۈندە ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ئاخبارات ئېلان قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە چاقىرىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
تۈركىيە ئىنسان ھەق -ھوقۇقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرغان « چارىسزلىككە چارە » تېمىسىدىكى پروگراممىسىمۇ بۇ كۈندە ئېلىپ بېرىلغان ئەھمىيەتلىك پروگراممىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان «چارىسزلىككە چارە» تېمىسىدىكى بۇ پروگرامما سۈرىيە، پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاڭلىتىش ۋە ياشلارنى ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشىگە چاقىرىق قىلىش مەقسەت قىلىنغان. پروگراممىنىڭ شەرقىي تۈركىستان قىسمىغا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دەرنىكىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار، لاگېر قۇربانلىرى جەمئىيىتىدىن مەدىنە نازىمى ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، ژۇرنالىست، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ، يېتىملەر دەرنىكى باشلىقى مۇرات يىلماز قاتارلىق تۆت كىشى قاتناشتى. ژۇرنالىست، يازغۇچى خالىس ئۆز دەمىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پروگراممىدا لاگېر قۇربانلىرى جەمئىيىتىدىن مەدىنە نازىمى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى ، لاگېردىكى زۇلۇملار ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بەردى. نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار سانى ۋە قۇرۇلمىسى ھەققىدە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە مەلۇمات بەردى. مۇرات يىلماز ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە بۇ توغرىسىدا كىتاب يازغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن « شەرقىي تۈركىستاندا بالا بولۇش » تېمىسىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.
بۇ پروگرامما ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەدىنە نازىمى خانىم پروگرامما ھەققىدىكى تەسىراتىنى ئىپادىلەپ:« پائالىيەت ناھايىتى ياخشى داۋام قىلدى، لېكسىيەنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلدى. پائالىيەت ئاخىردا ئوقۇغۇچىلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى شۇنداقلا يەنە ياشلار ئۆزىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن قۇلىدىن كېلىشىچە بىز بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى »دېدى .
رەسىملەر نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندىنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى