قانلىق يەكشەنبە ، ئار – نۇمۇس ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان!
(بۇ خاتىرە 2015 –يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا كەمىنە چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن توپلانغان ئىدى،ئۇ سەۋەپتىن كىرىش قىسمىدىكى بايانلار شۇ ۋاقىتلاردىكى ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.)
ئالقاغۇ پاجىئەسى: ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 33 نەپەر، ئېغىر يارىدار 55 نەپەر، يارىدارلارنى قۇتقۇزماي، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئوننەچچە، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ جىنازىسى ئۆيىگە بېرىلمىدى.
——————————————————
ئەتىگەن سائەت 8 لەردە بۈگۈرنىڭ ئەشمە تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلدۇق، «نورمالدا بۇ يەرگە سائەت بەشلەردە كېلىپ بولاتتۇق ئەگەر يولللاردىكى بۇ تەكشۈرۈشلەر بولمىغان بولمىسا» دېدى، سەپەردىشىمىز بىزگە.
ماشىنا ھەق ئېلىش پونكىتىغا قورۇلغان تەكشۈرۈش ئورنىغا كېلىپ توختىدى.
شوپۇر: «تەكشۈرۈش بار، كىملىكىڭلارنى چىقىرىڭلار، يۈك – تاق چۈشۈرۈلمەيدۇ!» دەپ توۋلىدى. يولۇچىلار كىملىكىنى چىقىرىپ ماشىنىغا چىققان قارا كىيىملىك ساقچىغا بەردى.
ئەسلىدە شوپۇر ئۈرۈمچىدە بېكەتتىن چىقىشتىلا كىملىكىمىزنى يىغىۋالغان ئىدى، ئەمما يول بويى تەكشۈرۈش بولغاچ كىملىكلەر ھەر كىمنىڭ ئۆزىدە قالغان ئىدى. ئۇ ساقچى ماشىنىدىن كىملىكلەرنى ئېلىپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئون مىنۇتلار ئەتراپىدا ماشىنىغا ئۈچ قوراللىق ساقچى چىقتى. سەپەردىشىمىز بۇلارنىڭ ماشىنىغا چىققىنىنى كۆرۈپ چاپانلىرىنى كىيىپ تەييار بولۇپ بولغان ئىدى. دوستىمىز ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق، يەنى بۇ سەپەردىشىمىز بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرگە كۆنۈپ كەتكەن ئىدى.
بۇ ئادەمنى ساقچىلار ماشىنىدىكى يۈك – تاقى بىلەن بىللە ئەكىرىپ كەتتى. شوپۇرمۇ بۇ خىل ھادىسىلەرگە كۆنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، «ساقلايلى قېرىنداشلار» دىدى، ئىچىگە بىرنى ئېغىر تىنىۋېتىپ.
يەنە ئوخشاش شەكىلدىكى تەكشۈرۈش بولسا كېرەك، ئەتىمالىم ئونبەش يىگىرمە مىنۇتلاردا ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بۇ سەپەردىشىمىز ماشىنىغا يېنىپ چىقتى، ئەمما قالغانلارنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە رۇخسەت قىلمىغاچ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى بىز كۆرەلمىدۇق.
– ئەمدى كۇچاغا كەتتۇق ئىنشائاللاھ ! – دىدى سەپەردىشىمىز.
«قوشئاۋات تەكشۈرۈش پونكىتى بار ئۇ يەردە، ئۇ تۈگىسە تۈگەيدۇ، بازار ئىچىدە دېققەت قىلىشسىلا، يان تېلىپوننى خالىغان يەردە چىقارمىسىلا، بولۇپمۇ ساقچى پوتكىتى ئەتراپىدا، سىلى كۇچانىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيلا، قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرۈيدۇ بۇ خەق» دىدى سەپەردىشىمىز بىزگە.
قانداق دەيلا؟— دەپ ياندۇرۇپ سورىدۇق.
«سىلى بىلمەيلا ، بىزنىڭ كۇچادا قارىسىلا يولدا تەيجۈنلەر (خەلق چارلىغۇچىلارغا تەيجۈنلەر دەپ ئىسىم قويۇۋالغان بولۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە بۇلارنى مۇشۇنداق ئاتايدىكەن) ئۇچرىغان ئادەمنىڭ تېلېپونىنى خالىغانچە تەكشۈرىدۇ، بولۇپمۇ سىلىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلىكلىرىنى بىلىپ قالسا بولدى. ئىشلىرى تېخىمۇ چاتاق، ياتاققا كېلىدۇ، يۈك —تاق، تېلېپون ھەممىسىنى تەكشۈرىدۇ» دىدى.
بىز بۇ ئادەمدىن «كۇچادا ياغلىق ئارتقان، ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن، ساقال قويغان ئادەملەرنى تۇتۇپ تەكشۈرىدۇ دەيدىغۇ؟» دەپ سورىدۇق.
بۇ سەپەردىشىمىز بىز بىلەن خېلى چىقىشىپ قالغان ئىدى، ھەيران قالغاندەك تەلەپپۇزدا: «نىمە دەيلا تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئادەتتىكى ئىش. سولايدۇ، كېسىدۇ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىش مۇمكىن ئەمەس، خوتۇنلارنىڭ كۆينىكى، ياغلىقى ھەممىسىنىڭ ئۆلچىمى بار، بولمىسا تۈرمىگە سولايدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى.
بىز بىر ئاز ھەيران قالدۇق، «كۆينەك ياغلىققىمۇ ئۆلچەم بارمۇ ئەمدى؟ مەسىلەن دېگەنلىرى قانداق ئۆلچەم؟» دېدۇق.
ئۇ جاۋاپ بېرىپ: «ئاياللارنىڭ كۆينىكى پاچاقتىن ئاشسا بولمايدۇ، ياغلىقى يازدا نېپىز ئاتمىش سانتىلىق گاز ياغلىق، قىشتا كىچىك قېلىن ياغلىق، ئەللىك ياشتىن تۆۋەنلەر ساقال قويسا بولمايدۇ، تاكسىچىلار ،خىزمەتچىلەر، بۇرۇت قويسا بولمايدۇ، ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ، ئىشقىلىپ باسىلا كۆرىلا مەن نىمە دېگەن بىلەن بېكار» دىدى.
پاراڭلىشىپ يولنىڭ ئاخىرىلىشىپ قوشئاۋات تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەننى بىلمەيلا قاپتۇق، چوڭ يولغا ئۇرۇش رايونىغا ئوخشاش تىكەنلىك سىم بىلەن توراپ ياسالغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلدۇق. بىز كۇچاغا كەپ بولغۇچە ئۇچۇرلىرىمىز كەپ بولغان چېغى، ئادەملەر ماشىنىدىن چۈشۈپ كىملىك تەكشۈرۈپ، بىزنىڭ سەپەردىشىمىزنى ئېلىپ قالدى.
بىز شوپۇردىن «بۇ ئادەمنى بۇ يەردە ئېلىپ قالدى، يول بويى ھېچ يەردە ئەپقالمىغان ئىدىغۇ؟» دەپ سورىدۇق.
شوپۇر: «ھە بۇ ئادەم قارا تىزىملىكتىكى ئادەمكەن، تەۋەلىك ساقچىسى كەپ ئېلىپ كىتىدۇ ياكى بولمىسا، نەگە باردىڭ؟ نەدە تۇردۇڭ؟ كىمنى كۆردۈڭ؟ دېگەندەك سوئال سوراقتىن كېيىن ئۆيىگە كەتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما بۇ ئادەمنى ئاللا ساقلىسۇن» دىدى.
ماشىنىدىكىلەر: «بۇ كۈنلەردە قارا تىزىملىككە چۈشمىگەن كىم باركى؟» دەپ غۇدۇڭشۇپ قاقشاشتى.
بۇنداق ئىشلار شەرقى تۈركىستاندىكى نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
«كىچىكىمىزدە تېلېۋېزوردىن پەلەستىنلىك باللارنىڭ تانكىغا تاش ئاتقىنىنى كۆرسەك، ئادەملەرنىڭ كۈندە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەن خەۋىرىنى كۆرسەك ھەيران قالاتتۇق، ھازىر بىز كۆرۈۋاتىمىز بۇ كۈنلەرنى، ئەمما ئۆز بېشىمىزغا كەلگەندە ھەيران قالارلىق ئىش بولماي قالدى، بۈگۈن پەلەستىندە بىر بالىنىڭ بۇرنى قانىسا، پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، ئەمما بىزدە نەچچە يۈز ئادەم ئۆلسىمۇ يېپىق قازان يېپىق پېتى قالىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ كۈنۈمىز» دىدى شوپۇر.
يول بويى ماشىنا ھەيدەش بىلەن بولۇپ، توختىماي تاماكىسىنى چېكىپ ماڭغان شوپۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە «نىمىشقىمۇ بۇ ئادەمدىن تېخمۇ جىق سۇئاللارنى سورىمىغاندىمەن؟» دەپ ئەپسۇسلاندىم ۋە ئۇنىڭ مەنتىقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.
كۇچاغا كىرىپ يېڭىشەھەر بېكەتتە توختاپ بىر قىسىم ئادەملەر چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، كونا شەھەر بېكىتىگە قاراپ ماڭدۇق. كونا شەھەرنىڭ ساقساققا جايلاشقان بېكەتتە ماشىنىدىن چۈشتۇق ۋە كېلىشكىنىمىز بويىچە بېكەتتە بىزنى دوستلىرىمىز ساقلاپ تۇرغان ئىدى. بېكەت ئالدىدىكى قۇربانجان ئۇستامنىڭ ئاشخانىسىدا ناشتا قىلغاندىن كېيىن، دوستىلرىمىزنىڭ دېگىنى بويىچە بېكەتنىڭ بېلەت سېتىش زالىغا كىرىپ كۈزەتتۇق، سىرتقا چىقماقچى بولغان ئادەملەر بېلەت ساتىدىغان كۆزنەك ئالدىدا ئۆچرەت تۇرغان بۇلۇپ بېلەت ساتقۇچى يولۇچىلاردىن «كىملىكلىرىنى ئاچتۇرغانمۇ؟ يېشىل كارتا بارمۇ؟ مەھەللىلىرىدىن خەت ئەكەللىمۇ؟» دەپ بىر نەرسىلەرنى سوراۋاتاتتى.
مەن «بۇ يېشىل كارتا دېگەننى بېكار قىلغان دەۋاتمامتى؟» دەپ سورۇدۇم كۇچالىق دوستىمىزدىن.
«ياق! بېكار قىلدۇق، دىدى، ئەمما سىرتقا چىقىدىغانلاردىن يەنىلا تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، سورىغان نەرسىلەر بولمىسا، بۇ يەردە بېلەت بەرمەيدۇ، ئادەم تاسادىپى كىچىك ماشىنا بىلەن ياكى باشقا قاتناش بىلەن كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئاراملىق يوق، بارغان يەردە ياتاق بەرمەيدۇ ياكى يولدا تەكشۈرۈشتە نەس باسسا قايتۇرۇۋېتىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى.
بىز پىلان بويىچە ئودۇل رەستە ئالدىغا باردۇق، بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرى بولغان ھەم مەركىزى بولغان رەستەنىڭ، يەنى رەستە مەسچىتنىڭ ئالدى تولۇق ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. چۆرۈلدۈرۈپ رېشاتكا بىلەن توسۇلغان مەسچىت ئالدى چۆلدەرەپ قالغان بولۇپ، ئادەتتە بىز كىچىكىمىزدە كەلگەندە كۆرىدىغان ئاۋات بازاردىن ئەسەرمۇ قالمىغان، كۈسەن كۆۋرۈكى ، مەسچىت ئالدىدىكى كوچا چىرىقى، مەسچىت مۇنارى، مەسچىتنىڭ يان تەرىپىدىكى زەگا نىياز قارى بىناسى، قاتارلىق يەرلەرنىڭ ئۈستىگە ئۆمۈچۈك تورىدەك كامېرالار ئورنىتىلغان ئىدى.
بىز مەسچىت ئالدىدىكى دوپپا تۇماق دۇكانلىرىنى ئايلاندۇق. بىز يېرىم سائەت بۇ ئەتراپتا دۇكانلارنى ئارىلاپ بولغۇچە بىر دەمدە ساقچى ماشىنىسى كەپ بولدى ۋە بىردەم بىزنى كۈزەتكەندىن كېيىن يېنىمىزغا كېلىپ «نەدىن كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. كىملىكىمىزنى تەكشۈرۈپ ئۇنى – بۇنى سوراپ ئارقىدىن تېلىپونىمىزنى چىقىرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.
بىزنىڭ ئۇ كۇچالىق دوستىمىز «بىزگە بىرەر ئىش كەلمىسۇن»، دېگەندەك جىددىلىشىپ تۇراتتى. ساقچىلار تېلېپونىمىزنى ئېلىپ ئۇدۇل ماشىنىغا قاراپ ماڭغاندىن كېيىن مەن «تېلېپۇننى نەگە ئاپىرىسىلەر؟ كۆردۈڭلار، يەنە نىمە قالدى؟» دىدىم زەردە بىلەن.
«گۈلباغ ساقچىخانىسىغا! ئۇ يەرگە كېلىپ ئېلىۋال،» دەپ كىملىكىمىزنىمۇ ئېلىپ كەتتى.
بىز بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەچكە تېلىپوننى ئۈرۈمچىدە ئالماشتۇرۇپ ھېچقانداق ئەپلەرنى قاچىلىماي كەلگەن ئىدۇق. دېگەندەك گۈلباغ ساقچىخانىسىغا كەلدۇق، بىزنى ئودۇل ساقچىخانىنىڭ ئىچىگە باشلاپ ئەكىرىپ «سوجاڭ» دەپ ئاتالغان بىرىنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكىردى. بۇ سوجاڭ دېگىنىنىڭ ئىسمى غەيرەت بولۇپ، بىزدىن نەدىن كەلدىڭلا؟ نېمىگە كەلدىڭلار؟… دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى ۋە: «تېلېپوننى تەكشۈرۈپ بولۇپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ، مەسىلە چىقمىسا» دىدى. ھەمدە بىزگە بىزنىڭ كىملىكىمىز ئۈرۈمچىنىڭ بولغاچ بىر ئاز كەڭچىلىك قىلغانلىقىنى، بولمىسا قەشقەر ياكى خوتەننىڭ بولسا، سولاپ قويۇپ يۇرتىغا تېلېپون قىلىپ ئاندىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى دىدى. بىزگە يەنە «قالايمىقان رەسىم تارتماڭلار! ئۆزەڭلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىلەر بولمىسا» دەپ ئاگاھلاندۇردى. بىز كىملىكىمىزنى بەرگەندىن كېيىن ياندىكى ئىشخانىغا تېلپوننى ئالغىلى كىرىپ ھەيران قالدۇق، بىرەر يۈزگە يېقىن كومپېيوتېر يىغىۋېلىنغان بولۇپ ئىككى قىز ئۇنى تەكشۈرىۋاتاتتى.
مەن: «بۇنچە كۆپ كومپېيوتېرنى نىمىگە ئىشلىتىسىلەر؟» دەپ سوردۇم .
ئۇ ساقچى قىز: «بۇ دۇكانلارنىڭ كومپىيوتېرى. تەكشۈرۈپ بولۇپ ئىگىسىگە تېلىفون قىلىمىز ئەكىتىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى.
ھەيرانلىقتا كۇچالىق دوستىمىزغا قارىدىم ، ئۇ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
ساقچى قىز «بۇ تېلېپونلارنى يېڭى ئاپسىلەر ھە؟! ما بالىدەك ئەللىك كويلۇق تېلېپون تۇتسىلا، سۆزلەشكىلى، ئۇچۇر يازغىلى بولسا بولدى تېلېپون دېگەن» دەپ كۈلدى .
تېلىپوننى ئېلىپ ئۇھ دەپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن دوستىمىز بىزگە، «بۇ يەردە بەزەن دۇكاندارلارنىڭ دۇكىنىدىكى كومپىيوتېرلار ئايدا بىر قېتىم يىغىۈېلىنىدۇ ۋە ساقچىخانىدىن تەكشۈرۈپ بولۇپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دىدى.
بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، بۇ زۇلمەت باسقان ۋەتەننىڭ نەرىگە بارساق شەخىسنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇر ۋاستىسى بولغان تېلېپۇن، ئايپەت، لەپتوپ قاتارلىق خۇسۇسىي مۈلكى قوپاللىق بىلەن بۇ خىل تەكشۈرۈلەردىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۆيلىرى ھېچقانداق قانۇنغا ئۇيغۇنسىز ئاختۇرۇلىدىكەن، ئادەملەر ئاللىقانداقتۇر ئۆزىمۇ بىلمىگەن تۆھمەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنىدىكەن. ئۈندىدار، چ چ ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرگەن ياكى ھەمبەھىرلەشكەن بىرەر ئۇچۇر سەۋەبىدىن بەش يىل ھەتتا ئون يىل تۈرمىگە تاشلىنىدىكەن. بۇ ئىشلار شەرقى تۈركىستاندا نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى..
بىز ساقچىخانىدىن چىقىپ ساقچىخانىنىڭ ئۇدۇلىغا ياسالغان ۋاڭ ئوردىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق، چۈنكى بىز كىچىمىزدە بۇ يەردە بۇنداق بىر يەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتۇق، ھەم يوق ئىدى..
دوستىمىز بۇ يەرنىڭ يېڭىدىن ياسالغانلىقىنى، كۇچاغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئودۇل مۇشۇ يەرگە ئەكىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بىز بۇ يەردىن چىقىپ تولىمۇ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مەۋلانا ئەرشىدىن خان مازارىنى كۆرمەكچى بولدۇق. ھازىر «ئىشچىلار قورۇلۇش ئەترىتى» دەپ ئاتالغان، كونا نامى يەنىلا مەۋلانا بولغان قەدىمىي مازارلىققا كەلدۇق. مەسچىت ھويلىسىغا يەرلەشتۈرۈلگەن، ئۇيغۇر ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىگە ۋە تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئىسلامغا كىرىپ چاغاتاي نەسلىنىڭ مۇسۇلمانلىشىشغا تۆھپە قوشقان بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ مازارىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغانلىقىغا شاھىت بولدۇق،شەرقى تۈركىستاندا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزلىكىدىن رېمونتسىزتاشلىنىپ قېلىپ خەلقنىڭ رېمونت قىلىشىغا يول قويماي ۋەيران بولۇپ ،ئۆزلىكىدىن يىقىلپ چۈشكەن مەسچىت –خانىقالار ساناقسىز ئىدى.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، خىتاينىڭ فېئودال چىڭ سۇلالىلىسىدىن قالغان ۋاڭ نەسەبى ۋە ۋاڭ ئوردىسغا تۇتقان پوزېتسىيەسى بىلەن مەۋلانا ئەرشىدىن خان مازارىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، مىللەتكە ساختا، ئويدۇرما تارىخلارنى زورلاپ تېڭىپ، ھەقىقىي تارىخىي ئىزنالىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى ۋە قوغدىماستىن تاشلاپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن ۋەيران بولۇشقا قىستاۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.
مەسچىت مۇنارىغا خىتاي بايرىقى ئېسىلغان بۇلۇپ، مەسچىت قولۇپلاغلىق ئىدى. ئادەتتە مەسچىت نامازدىن باشقا ۋاقىتتا مۇشۇنداق قۇلۇپلاغلىق تۇرىدىكەن.
مەسچىت ھويلىسىدا قولىغا يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان بىر مويسىپىت كىشى «بۇرۇن بۇ مازاردا شەيخلەر بار ئىدى، ھازىر يوق. كىچىكىمىزدە بۇ يەردە مەۋلۇت ئوقۇلاتتى، تۈنەك ئۆتكۈزۈلەتتى» دەپ ئۇھسىنىپ قويدى.
.«سىلى مەزىن ئوخشىماملا ئاكا؟» دەپ سورىدۇق
.«ياق ، مەسچىت باقىدىغان نۆۋەت ماڭا كەپتىكەن ئۇكام، سىلى بۇ يەرلىك ئەمەسمۇ؟» دەپ بىزگە قارىدى ئۇ بوۋاي
«ياق» دېگەن جاۋابىمىزدىن كېيىن «ئۇكىلىرىم خاپا بولماي مۇشۇ دەپتەرگە بىر ئىسىملىرىنى يېزىپ قويغان بولسىلا، مەن يازمىسام ئاۋۇ سىن ئاپىراتىدىن كۆرسە، ماڭا ئىش كېلىدۇ» دەپ ھەم خىجىللىق، ھەم ئۆتۈنۈش نەزەرىدە بىزگە قارىدى.
«بۇنداقمۇ ئىش بارمۇ؟ مەسچىتنى نىمىگە باقىسىلەر ئەمدى؟ بەرىبىر بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇمايدىكەنغۇ؟ يەنە نىمىنى باقىسىلەر؟».
«ۋاي ئۇكام ئىش جىق، بالىلار، ئىشچى خىزمەتچىلەر نامازغا كىرمىسۇن» دەپ بولمامدۇ، نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇيدۇ، باشقا ۋاقىتتا تاقاپ قويۇمىز مۇشۇنداق» دەپ جاۋاپ بەردى
– نىمە دەپ ئەمدى ؟
– ناھىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشى شۇنداق
تاملارغا يېپىشتۇرۇلغان مەسچىتنىڭ قائىدە تۈزۈملىرى ئىچىدە 18 ياشقا توشمىغانلار، پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدۇ! دېگەن بەلگىلىمىنى تۇراتتى.
بىز يول بويى تولا توختاپ ھەم كەپ بولغۇچە ھەر خىل يولسىز تەكشۈرۈشلەرنى كۆرۈپ بىر ئاز چارچىغان بولغاچقا دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەم ئالماقچى بولدۇق. يول بويى شەھەر ئىچىدە بىرمۇ ياغلىق ئارتقان ياكى ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ئاياللارنى ئۇچراتمىدۇق ۋە سەپەردىشىمىزنىڭ ئاڭلاتقىنى ئېسىمىزگە كەلدى.
ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ داستىخانغا كېلە — كەلمەي دوستىمىز كىملىكىمىزنى سورىدى ۋە خىجىل بولغاندەك مەھەللە ساقچىسىغا دەپ قويۇدىغان گەپ دىدى.مېنىڭ كىملىكىمنى ئاپاراتقا سالسىلا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق چىقاتتى. شۇڭا مېنىڭ كىملىكىمدىن باشقا ھەممەيلەننىڭكىنى بەردۇق.ساقچىخانىدىمۇ تونۇيدىغانلار بولغاچقا ئاسان قۇتۇلدۇق ھەر ھالدا.
بىزچاي ئىچىپ بولغۇچە دوستىمىز چىقىپ تىزىملىتىپ كىردى. قىزىقى بىزنىڭ دوستىمىز كېلىپ «ئۇھ!» دەپ بولغۇچە، «مەھەللە ساقچىسى بىز» دەپ ، بىر ئايال ۋە تۆت بەش پاگونسىز ساقچى فورمىسى كىيگەن كىشى كىرىپ كەلدى ۋە بىزدىن نەدىن كەلگەنلىكىمىز ۋە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى سورىدى. بىز ساقچىخانىدا ، يولدا تەكشۈرۈشلەردە دېگىنىمىز بويىچە ھەممىنى بىر تەكرارلاپ چىقتۇق.
«بۇ يەر مۇشۇنداق، قارىسىلا خاپا بولمىسىلا، مەھەللە – كويغا مېھمان كەلسە، ئۈچ سائەت ئىچىدە كىملىكى ۋە پۈتۈن ئۇچۇرىنى ساقچىغا ئۇقتۇرمىساق، بىزگە گەپ كېلىدۇ» دىدى.ۋە ئۈچ توققۇز دەيدىغان بىر تۈزۈم بار ،ئۈچ سائەتتە مەھەللە كادېرى تىزىملاپ ساقچىغا يەتكۈزۈش ئۇچۇرنى.ساقچىخانا ئۈچ سائەت ئىچىدە تورغا يوللاپ مەركەزگە يەتكۈزۈش.مەركەز ئۈچ سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دەيدىغان-دەپ ئەزۋەيلەپ ئولتۇرۇپ ئۇنىمۇ ئاڭلاتتى.
ئاخشامدا تولۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىمىزنىڭ دەۋىتى ۋە دوستمىزنىڭ تۈزگەن پىلانى بويىچە خانكۆۋرۈك رېستۇرانىغا باردۇق. بۇ كەچلىك تاماققا ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومتېتىدىن ئابلىكىم غاپپار دېگەنمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى دوستىمىز بىزنىڭ پىلانىمىز ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى. تاماق يېگەچ تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، 2014 – يىلى ئالىقاغۇ بازىرىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ھەققىدە گەپ ئېچىلدى. بۇ پاراڭنى ئەتەي كوچىلاپ، خەقنىڭ دېققىتىنى تارتىشنى خالىمايتۇق، ئەمما گەپ ئارىسىدا ۋەقەنىڭ بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشتۇق. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئابلىكىم غاپپارنىڭ شوپۇرى ئارقىلىق تىببى ئۇنۋېرسىتىدا داۋالىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئالغان ئۇچۇرنى تولۇق –لىۋالدۇق.
ئالقاغۇ پاجىئەسى
كۇچا ناھىلىك ج خ ئىدارىسى شوپۇرى نىڭ بايانى:
ۋەقە ئەسلى بازار كۈنى يۈز بەرگەن ئىكەن، ساقچىلار بازاردا ھەپتىلىك سودا – سېتىقىلىرى ئۈچۈن كەلگەن بىر نەچچە ياغلىق ئورىغان ۋە ئوزۇن كۆينەك كىيگەن ئاياللارنى ساقچىخانىغا ئەكىرىپ تەكشۈرۈپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىپتۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇنى باشقا ئاياللار سىرتقا چىقىپ بۇلارنىڭ ئورۇق – تۇققانلىرى ۋە ئەرلىرىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ. ھەم بۇ ئاياللارنى كوچىدا ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ ماڭغۇزۇپتۇ. بىر قانچە خىتاي ساقچىسى بۇ ئاياللارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سۆرەپ ماڭغان بولۇپ، بۇ كۈنى بۇ يەرنىڭ بازار كۈنى بولغاچقا بىردەمدە ئالىقاغۇ خەلقى ۋە بازارچىلار غەزەپلىنىپ يېزىلىق ساقچىخانىنى قورشىۋاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا تېخى ساقچىخانا ئىچىدە تۇتۇپ كېلىنگەن يىگىرمىدەك ياغلىق چەككەن ،ۋە ئۇزۇن كىيىنگەن ئاياللار بار ئىكەن. بۇ كۈنى بىرىنجى دەرىجىلىك ئالاھىدە رايون بولغان بۇ ئالىقاغۇ بازىرىغا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم قۇربان تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىكەن، ۋەقەدىن بۇرۇن كەلگەن ۋە ھەممىنى ئالدىن پىلانلىۋالغان بۇ مىللى مۇناپىق،ساقچىلارغا ساقچىخانىنى قورشىۋالغان ئاۋامغا ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ . ھەمدە ئۆز قولى بىلەن قوناس كەنتىدىن مەمەتقارى ئىسىملىك بىرىنى ئېتىپ تاشلاپتۇ. ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي قەدرىنىڭ كۆز ئالدىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خەلق بازاردىن قولىغا چىققان نەرسىنى ئېلىپ ساقچىخانا ئىچىگە تاش – كېسەك بىلەن ھۇجۇم قىپتۇ.
ئابلىكىم ناھىيەلىك پارتىكومغا تېلېپون قىلىپ بىردەمدە پۈتۈن ئەسكەرلەرنى ئالقاغۇ بازىرىغا ئەكىلىدۇ، ۋە بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىشقا باشلايدۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەقەنى بايان قىلغۇچى ئابلىكىم قۇرباننىڭ شوپۇرى بولۇپ ،ئۇنىڭ بايانىدا ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 33 نەپەر، ئېغىر يارىدار بولغانلار 55 نەپەر ، يارىدارلارنىڭ ئىچىدە داۋالىماي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئوننەچچە ئىكەن. بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ جىنازىسى ئۆيىگە بېرىلمەپتۇ. شۇ كۈنى كېچىچە ئالقاغۇ بازىرىدا تۇتقۇن باشلىنىپ، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر ۋە ياشلار بىراقلا قولغا ئېلىنىپتۇ. ناھىيەنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاستىسى بولغان كوچا ئاپتۇبۇسلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالقاغۇغا يۆتكەپ كېلىپ، مەھەللە كەنت بويىچە ئادەملەرنى تۈرمىگە توشۇپتۇ. كۇچانىڭ تۈرمىسى توشۇپ تۇتقۇنلارنى باي، شايار ۋە توقسۇ تۈرمىلىرىگە يۆتكەپتۇ.
بۇ كۇچا تارىخىدىكى قانلىق بازار كۈنى دەپ تەسۋىرلەشكە ھەقلىق بىر كۈن بولۇپ، بۇ ۋەقەدە ئالىقاغۇ بازارلىق مال – چارۋا دوختۇرخانىسى دوختۇرى مەمەتجان بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى كۆرگەن ھەم يارىدارلارنى قۇتقۇزغان سەۋەبلىك تۈرمىگە سولانغان، قىيىن — قىستاق بىلەن 2015 — يىلى تۈرمىدە ئۆلگەن. بۇ ۋەقە، ئەسلىدىنلا مىللى غۇرۇرى ئېغىر ئاياق – ئاستى قىلىنغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا چېدىماي، ئار -نومۇس ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بىر ۋەقە بولۇپ، ئۇدا بىر ھەپتە ئىچىدە پۈتۈن ئالىقاغۇ بازىرى ۋە ئۇ كۈنى بازاردا تىجارەت ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەردىن بولۇپ، 3 مىڭغا يېقىن كىشى تۈرمىگە سولانغان .
ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇنلارنى توشۇشقا قاتناشقان كوچا ئاپتۇۋۇز شوپۇرى ،تولۇق ئوتتۇرا ساۋاقدىشىم غۇلام بايانىدا شۇنداق دەيدۇ. ئەتىگەندە كالوندىن ھەممىمىزگە تېلپون كەلدى .بىز شوپۇرلار ماشىنىنى ئالقاغۇغا ھەيدىشىمىزنى ئۇقتۇردى. بۇ كۈنى ئالقاغۇنىڭ بازار كۈنى بولغاچقا چار بازارغا ماڭىدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلىدىم .نورمالدىمۇ چىمەن ،ئالقاغۇ ،ياقا دېگەندەك يەرلەردە بازار كۈنى بولسا بىر نەچچە ئاپتۇۋۇز ئۇ يەرگە ماڭاتتى.ئەمما بىز ئۇ كۈنى قورۇق ماڭدۇق .تېز بېرىشىمىزنى ئۇقتۇردى.ۋە بەك جىددىي بىر شەكىلدە، بارغاندىن كېيىن توقسۇغا ماڭىدىغان ئۆگەن تەرەپتە ساقلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.بىزنى ساقچىلار باشلاپ ماڭدى.ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئالقاغۇ تەرىپىدە ساقلىدۇق .باشقا يەنە ھەربى ماشىنىلارمۇ بارتى.ماشىنىدىن چۈشۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى.چۈشكە يېقىن توقسۇ تەرەپتىن كەلگەن بازارچىلارنى ئارقىغا قايتۇردى.سائەت 11 ئەتراپى بولسا كېرەك ئالقاغۇ تەرەپتىن ئوق ئاۋازلىرى كېلىشكە باشلىدى.ئادەملەر موتسىكىلىت ۋە پىيادە قېچېىشىپ كېۋاتاتتى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى كېيىن ئۇقتۇق.بىزنى سائەت ئىككى-ئۈچ ئەتراپىدا ئالقاغۇغا كىرىشىمىزنى ئېيتتى.ساقچىخانىنىڭ ئىچى قوللىرى بىر- بىرىگە چېتىپ كويزا سېلىنغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ.بازاردا ھەمممە يەر قالايمىقان ،سودىگەرلەر دۇككانلىرىنى يىغىۋاتاتتى.ساقچىخانىنىڭ ئىچىدە ،ئالدىدا قان ئىزلىرى بارتى ،بىز يەنىلا ماشىنىدىن چۈشمىدۇق. ساقچىلار تۇتقۇنلارنى ئاپتۇۋۇزغا چىقىرشقا باشلىدى.مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بۇنداق ئىشنى كۆرگەچكە قاتتىق قورقتۇم.
بىز بۇ ۋەقەنى تېخىمۇ ئېنىق دەلىللەش ئۈچۈن بەزەن بىر يەرلەردىن تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلارنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. كونا شەھەر ساقچىخانىىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئايالى ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى باشلىقى مېھراينى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدۇق، ئويلىمىغان يەردىن تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلارنى ئالدۇق، يەنى ئۇ كۈندىكى ئىشنى ئەسلى ج خ ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابلىكىم قۇرباننىڭ بازار كۈنى خەلقنى كۈشكۈرتۈش ۋە قىرغىن قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت كۆرسىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي خەلقنىڭ زىتىغا تېگىپ، ئاممىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولغانلىقىنى ۋە ناھەق ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جىنازىسىنى ھەربىيلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاشلاپ بەرگەنلىكىنى، بۇنى ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان يولدىشىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ھەم بۇ ئىشلارنىڭ ئۇچۇرى ۋە پۈتۈن مەلۇماتلارنى قاتتىق ساقلاش توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى دېدى.
بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ ئۈن – تىنسىز بېسىقتۇرۇلىشىنى ، قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر ساقچىسى—— بىزگە ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ، «ئاكا! بۇ مەن ھاياتىمدا ھېچ ئۇنۇتالمايدىغان ۋە مېنى نەچچە ۋاقىتتىن بىخۇدلۇق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىمدىن ئويغاتقان كۈن بولدى. مەن بۇ ۋەقەنىڭ سىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىڭىزدىنمۇ ئېغىرلىقىنى بىلىمەن» دېدى.
شۇ كۈنىدىكى ئىشلارنىڭ بەزى جەريانلىرىنى سۆلەپ بېرىش بىلەن بىرگە بىر ياشنى چەرچەندىن تۇتۇپ كېلىپ، ھېچقانداق سوئال – سوراقسىز ئودۇل ئوچۇق سوت مەيدانىغا ئەكىلىپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.بۇ ياش يىگىت كۇچا خانقاتاملىق بولۇپ ،چەرچەندە تىجارەت قىلىدىكەن،ئۈرۈمچىدىكى ئەتىگنلىك بازار ۋەقەسىدىكى سىياسىي جىنايەت گۇماندارى بولۇپ ،چەرچەندىن تۇتۇلغان كۈنى بۇ ساقچى بالا كۇچارغا يۆتكەپ ماڭغان ئىكەن.يولدا كەلگۈچە سىياسى كومىسسار ئابلىكىم توختىماي تېلېفون قىلىپ ئودۇل ئوچۇق سوت مەيدانىغا ئەكىلىشنى بۇيرىغان. ۋە ھىچقانداق سۇئال –سوراقسىز ،مەھكىمەسىز ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئىكەن.
«ئۇ بالىنى ئوچۇق سوت مەيدانىغا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چاقىلىقىتىن تۇتۇپ كەلگىچە يولدا ماشىنىنى توختىتىشقىمۇ ۋە تاماق يېيېشكىمۇ رۇخسەت بېرىلمىدى » دەپ ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى ۋەقەنى بايان قىلغۇچى ساقچىنىڭ.ئۇ يەنە
بۇ ئۆلۈم ئىجرا قىلىنغان ياش خانقاتام بازىرىدىن بولۇپ،ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ،ساقچىلار ئايالىنى تۈرمىگە چاقىرىتىپ: «يولدىشىڭنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈۋال!» دەپ يەردە ياتقان جىنازىنى كۆرسەتتى. ئايال ئۈچ ياشلاردىكى بالىسىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بالىسىغا – بالام بۇ ياتقان سېنىڭ داداڭ ! داداڭنى بۇ ئىتلار يەپ كەتتى! ھەرگىز ئونۇتما! سەن بۇ قىساسنى ئالمىساڭ بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس! دەپ بالىسىنى يىغلىغىلى قويمىدى. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ئاكا» دىدى. ئۇ ۋەقەنى سۆزلەۋېتىپ يىغىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بىراز دىققىتى چېچىلدى بولغاي ئالقاغۇ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتسىز ئەمما ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان ۋە شاھىت بولغان بۇ تراگېدىيەدىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
ئۇ يەنە، بىزنى ئەتىگەندىلا ئابلىكىم دېگەن ئىت ( سىياسى كومىسسار) ئالقاغۇدا ئىش بار دەپ يىغقان ئۇ كۈنى، بىز كەلگەندە ھەممە يەردە نورمال بازار ئىدى. ئەمما خەلق بېشىغا كېلىۋاتقان قارا كۈننى بىلمەيتتى. ئەسلى ئاللىبۇرۇن ئالقاغۇدا بازار كۈنى خەلقنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇمىز، دەپ پىلانلانغان ئىش ئىدى، ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت، ناھىيەلىك پارتىكوم،ج خ ئىدارىسى ھەممىسى بازار كۈنى ئادەم جىق يىغىلغاندا، ياغلىق چەككەنلەرنى، پىلانلىق تۇغۇتقا رېئايە قىلمىغانلارنى تۇتۇپ، خەلققە ئىبرەت قىلىمىز، دەپ بىر تۇتاش ھەرىكەت قىلغان ئىدى. ئەمما ھەربىيلەرنىڭ ئۇ يەردە نىمىگە ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئەمما كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى بۇلار ئالدىن پەرەز قىلغان ۋە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان دەپ ئويلايمەن ،دېمىسىمۇ خەلقنىڭ قەستەن زىتىغا تەگكەنلىكىدىن بۇ ۋەقە يۈز بەردى، دىدى
ئەسكەرتىش:
بۇ سانلىق مەلۇمات ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئەخمەت توختى لەقىمى پولشا(تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا ساۋاقدىشىم) ۋە سىياسىي قانۇن كومتېتىدىن ئابلىكىم غاپپار، يەنە بىر پېنسىيەگە چىققان ساقچى قاتارلىقلاردىن ئالدۇق. ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلار خەلقنىڭ كۆز يېشىغا خوشاللىق تاپىدىغان غالچىلار بولغاچقا بۇ يەردە ئىسمىنى ئوچۇق ئاتاۋەردۇق.
بۇ يەردە بىز خەلقتىن ۋە بىر قانچە ساقچى ۋە شۇ يەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئالغان ئۇچۇرلاردا كىشىنى ئويغا سالىدىغان مۇنداق بىر قانچە نوقتا بار:
1. ۋەقە بولغان كۈنى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاللىقاچان ئادەملىرىنى ئېلىپ، تولۇق قوراللانغان ھالدا ئالىقاغۇ ساقچىخانىسىغا كەپ بولغان.
2. ئىككىنجى ئامما توپلىنىپ بىر سائەتكىچە پۈتۈن ناھىيەدىكى كوچا ئاپتۇۋۇزلىرى ۋە ھەربىي ماشىنىلارنى ئالىقاغۇغا يۆتكەپ بولغان.
3. ۋەقەدىن بۇرۇن بازاردا تىجارەت قىلىدىغانلار ھەربىي ماشىنىلارنىڭ توقسۇدىن ئالقاغۇغا ئۆتىدىغان ئۈگەن دەرياسىنىڭ ئالىقاغۇ تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن.
4. بازارنىڭ شايار، توقسۇ، ئۈچئۆستەڭ، بېھىشباغقا ماڭىدىغان يوللىرى ئاللىبۇرۇن كونتروللۇققا ئېلىنىپ بولغان
5. ساقچىلارنىڭ بۇ ۋەقە ئارقىلىق جازالاش نىشانى، ئاساسەن 16 ياشتىن 35 ياش ئارىسىدىكى كىشىلەر بولغان. تۇتۇلغانلارنى ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپ بىلەن سوتلىماستىن تۈرمە ئىچىدىلا تەپتىش، سوت، ھەممىسىنىڭ ئىشخانىسىنى ئېچىپ بىر ھەپتە ئىچىدىلا كېسىم چىقىرىپ بولغان.