تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا سېكۇلەر ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى ھەققىدە بايانات

2024-يىلى 19-ئۆكتەبىر، پارىژ

مەنبەسى:ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئېجتىمائى تاراتقۇ ھېساۋاتى

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگە قەدەر، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە ئالتە كۈنلۈك خەلقئارا سېكۇلەر ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئوخشىمىغان ئىجدىمائىي ۋە ئىقتىسادى كۆرۈنۈش، ئوخشىمىغان خىزمەت ۋە ئوقۇش، ئوخشىمىغان تىلغا ئىگە 70 چە ئۇيغۇر ياش پارىژغا توپلىنىپ، بىر ھەپتە بويى ئورتاق بىر كىملىكى بولغان ئۇيغۇرلۇق ۋە ئۇنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.

ئۇيغۇر ئىجدىمائىي تور سۇپىلىرىدا بەزىلەر بۇ قۇرۇلتاينىڭ «سېكۇلەر» ئاتىلىشى توغرىلىق قالايمىقان تەبىرلەر بېرىپ، بۇ تۇنجى قېتىملىق يىغىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئەھمىيەتلىك تېمىلار ۋە پائالىيەتلەرنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر ئەسكەرتىش باياناتى بېرىش قارار قىلىندى.

ئالدى بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ قارىشىدىكى «سېكۇلەر» سۆزىگە ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتسەك، مەزكۇر قۇرۇلتايغا تەييارلىق بىر يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىن ئەسلى 100 ياش تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتكە ئاساسەن تاللانغان : بىرىنجىسى، ياش چەكلىمىسى بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ يېشى 18 دىن يۇقىرى،35 دىن تۆۋەن بولۇشى سورالدى. ئىككىنجىسى سېكۇلەر بولۇشى، يەنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى دىنى كىملىكتىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىى كىملىكى ھەممىدىن مۇھىم بولۇشى كېرەك. ئۈچىنجىسى بولسا، ئوچۇق-ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ياكى خىزمەت قىلىش نىيىتى بولغان بولۇشى كېرەك.

ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتاينى سېكۇلەر نامى بىلەن ئاتاشقا توغرا كەلدى دېگەن سوئالغا جاۋاپ بەرسەك، مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەتەندە ياكى خىتايدا تەربىيەلىنىپ، چەتئەلگە مەلۇم ياشتا كەلگەن، بۈگۈنكى كۈندە پىشقەدەملەر قاتارىغا كەلگەن چوڭلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياكى باشقۇرۇلىۋاتىدۇ. گەرچە ياشلار ئاز-تولا قاتناشسىمۇ، تولا ھاللاردا، ئۇلارنىڭ سانى ئاز، مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇلمايدۇ. مۇھاجىرەت قۇرۇلمىمىزنىڭ دىئاسپورا بولۇپ شەكىللىنىشى تېخى يېڭى، چەتئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان پەرزەنتلەر، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ئۇيغۇر، يەنە بىرى باشقا ئەللىك ياشلار،ئوخشىمىغان دىنى ياكى دۇنيا قاراشقا ئىگە بالىلار،گەرچە ۋەتەندە تۇغۇلغان بولسىمۇ ئەمما چەتئەلگە كىچىك كەلگەن ياكى ناھايىتى ياش كەلگەن ياشلار…قاتارلىق كۆپ قاتلامدىكى ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ياشلىرىمىز بار. بۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر بولغانلىقى، ياكى سىرتتىكى ئىسلاموفوبىيە مۇھىتىدا، بۇلار سىرتتا ئۆزلىرىنى شۇ ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ كىملىكىدىن ئايرىم ھېس قىلىدۇ. ئۆيدە بولسا، يەنە بۇلار تامامەن ئۆزلىرىنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىر دۇنيادا ھېس قىلىپ بولالمايدۇ، چۈنكى بۇلار قانداقلا بولمىسۇن، ياشاۋاتقان بۇ دۆلەتلەردە تۇغۇلغان، ياكى شۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيەسىنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرگەن. بۇ ياشلارغا بىر ئومۇمىي بولغان،دىنى قاراشلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىشى ياكى بىلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر،يېرىم ياكى پۈتۈن ئۇيغۇر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى قوينىغا ئالىدىغان، ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، ئۇيغۇرلىقىدىن پەخىرلەندۈرىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كوللىكتىپ مەنپەئەتى ۋە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، يەنى يىغىپ ئېيتىپ كەلگەندە، ئوخشىمايدىغان بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىنى ئورتاق ئۇيغۇرلۇق مۇھىتىدا يەكلىمەي قوينىغا ئالىدىغان بىر ئىللىق كىچىك ۋەتەن مۇھىتىدا كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەممىگە ئورتاق بولغان سېكۇلەر قۇرۇلتاي، يەنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىك بىردىنبىر ئەڭ ئۈستى مەنپەئەت شەرتى بولغان بىر قۇرۇلتاي بولۇشى ئۈچۈن، شۇنداق نامدا بۇ چوڭ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق.

ئالتە كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا، گۆشلۈك تاماقلارنىڭ چوقۇم ھالال بولۇشى، گۆش يېمەيدىغانلار ئۈچۈن، كۆكتاتلىق تاماقلارنىڭ تەڭ بولۇشى، ناماز ئوقۇيدىغانلارغا ئەڭ يېقىن مەسچىتلەرنىڭ ئادىرسلىرى، نەق مەيداندا ئوقۇشنى خالىغانلارغا مۇۋاپىق ئورۇننىڭ كۆرسىتىلىشى…قاتارلىقلارغا قاتتىق دىققەت قىلىندى. پائالىيەتنىڭ تېمىلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بىر تېما ئىسلاموفوبىيەگە قارشى كۈرەشنى قانداق ئېلىپ بېرىش بولدى. پارىژنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشتا، ئالدى بىلەن كۆرسىتىلگەن ئورۇن پارىژ چوڭ مەسچىتى بولدى.

قىسقا ئالتە كۈن ئىچىدە، بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان، ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن بۇ 70 ياش بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇق-تۇققاندەك بولۇشۇپ، كېتىدىغان چاغدا بىر-بىرىگە قىيماي كۆز يېشى قىلىشتى. نۇرغۇنلىرى تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرلار پائالىيىتىدە، بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئوخشىمىغان سەۋەپلەر بىلەن چەتكە قېقىلماي، ئۆز ئىچىگە ئېلىنىش ھېسسىدا بولغانلىقىنى،خۇددى بىر مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاندا ئەركىن ۋە خوشال ئالتە كۈن ياشىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولغانلىقىنى دىيىشتى.

بۇ پائالىيەتنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى پىلانلاۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئارتۇق بولغان، ئەمما ئىقتىسادى سەۋەپلەر بىلەن روياپقا چىقىرالماي، ئاخىرى ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە فىرانسىيە باش مىنىستىرلىك قارمىقىدىكى ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش ئورگىنىنىڭ ئىقتىسادى قوللىشى ۋە پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ماتېرىياللىق قوللىشى بىلەن ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقتى. شۇنداقتىمۇ، توپلانغان ئىقتىساد ئەسلىدىكى ھېساپلانغان چىقىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىلا كۆتۈرەلىگىنى ئۈچۈن، ئەسلى پىلاندىكى 100 ياشنىڭ سانى كېمەيتىلدى. لېكسىيەلەر ۋە كۇرسلاردا سۆزلىگەن فىرانسىيەدىكى ئىلغار ياشلارمۇ (بۇلارنىڭ بىر لېكسىيەسى نەچچە مىڭ ياۋرو) ھەقسىز قىلدى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىدىكىلەرنىڭ ھەممسىلا پىدائىي ۋە بۇ ئىشنىڭ باشتىن-ئاخىر ئېلىپ بېرىلىشىدا خىزمەت قىلغان ئادەم سانى ئاز بولغانلىقى (ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن ئادەم ئىشلەيدىغان بولغاچ) ئۈچۈن، ھەپتىلەپ ئۇخلىماي ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە، ئىنىستىتۇتنىڭ غوللۇق ئادەملىرى ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كەتتى. ئەمما، بۇ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتاي شۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشتىكى، قاتناشقان بارلىق ياشلار بىزنىڭ بۇ قۇرۇلتاينى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈشىمىزنى قاتتىق تەلەپ قىلدى.

قۇرۇلتايغا قاتناشقان ياشلارمۇ بىر-بىرىدىن تالانتلىق، ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئۇيغۇرلارغا تۆھپە قوشۇۋاتقان، ئۇيغۇر داۋاسىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان، لېكسىيەچى فىرانسۇز ياشلارمۇ ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاجايىپ ئىجابىىي باھا بەردى. بىزنىڭ بۇ ياشلىرىمىزمۇ فىرانسۇز ياشلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەندى. بىز بۇ پائالىيەتنى «ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئەمەس، بەلكى «ياشلار قۇرۇلتىيى» دەپ ئاتىشىمىزدىكى سەۋەپمۇ، دىئاسپورادا چوڭ بولغان ياشلىرىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلىتىنىڭ تىلىنى، جەمئىيىتىنى چوڭلىرىمىزدىن ياخشى بىلىشى، مۇستەقىللىق داۋارىمىزنى يېڭى تۈردە، شۇ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئېلىپ بېرىشتا ئۇلارغا تايىنىش، ئۇلارغا ئىشىنىش ۋە ئۇلارغا تاپشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانلىقىمىزدۇر.

مۇشۇنداق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بۇ قەدەر مۇھىم بولغان، تۇنجى باشلىنىش ۋە تۇنجى غەلىبىنىڭ بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن باشقىچە بۇرمىلىنىشى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش. شۇ سەۋەپتىن، خاتا چۈشىنىشلەر، بۇرمىنلىنىشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، مەزكۇر بايانات بېرىلدى.

-ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى

2024-يىلى 19-ئۆكتەبىر، پارىژ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ئۈرۈمچىدە 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزگەن

يە ئۆكتەبىر 20 , 2024
ختاي ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۈچلۈك ئىجرا قىلماقتا. ئۇيغۇرستاننىڭ شەھەرلىرىدە خەلقئارالىق يېغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ختاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلىرىدىن بىرى. ختاينىڭ ئاۋازى تەڭرىتاغ ختايچە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي ئۈرۈمچىدە 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە مۇنداق دىيلگەن: «10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەنلىكى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاممىۋى […]
ئۈرۈمچى دۇنيا تاراتقۇلار يېغىلىشى

You May Like