ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-ئېيۇل
جوۋ بايدىن 27-ئېيۇن كۈنى دونالد تىرامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سايلام مۇنازىرىسدە كۆرسەتكەن ئىپادىسى ناچار بولغانلىقى، قايتا-قايتا دۇدۇقلىغانلىقى، سۆزلىرىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك دىموكراتلار پارتىيسى رەھبەرلىكى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ بېسمىغا ئۇچراپ، نامزاتلىقتىن چىكىنىشكە چاقىرىلغان ئىدى.ئۇلار بىردەك: جوۋ بايدىن ھازىرقى ئەھۋالدا دونالد تىرامپقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا 11-ئايدىكى سايلامدا، دىموكراتلار ئاق ساراينى، دۆلەت مەجلىسنى بىردەك جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ دەپ ئەندىشە قىلغانىدى.
بايدىن كامالا ھارسنى ماختاپ، ئۇنىڭ دىموكراتلار پارتىيسى نامزاتى بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن