تۇرسۇنجان ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-سىنتەبىر
ئامېرىكىغا جايلاشقان، ئنسان ھەقلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىئالوگ تەشكىلاتى (ختايچە دۈيخۇۋا ) بۈگۈن ئىلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر فولكلورشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ئۇيغۇر ئالىم، «شنجاڭ»ئۇنېۋېرستىتى پىروففىسورى راھىلە داۇۋت خانىمغا « دۆلەتنى پارچىلاش جىنايتى » تۆھمىتى بىلەن مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئۇچۇرنى« ھۆكۈمەت ئەمەلدارى»نىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن قولغا چۈشۈرگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، راھىلە داۋۇت خانىم -2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىين، 2018-يىلى سوتقا چىققان. ئۇنىڭغا بىرىلگەن جازاغا قارشى ئەرزى رەت قىلىنغان.
ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىين داڭلىق تاراتقۇلاردىن نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى قاتارلىقلار ماقالە ئىلان قىلغانىدى.
دوكتۇر راھىلە داۋۇت -ۋەتەندە تونۇلغان، ھۈرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلمى ساھەگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان.
2007-يىلى «ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەزكىرى»نى قۇرغان.گەرچە ئۇ ختاي كومپارتىيسى ئەزاسى بولسمۇ، ئۇ ئىلىپ بارغان بارلىق تەتقىقات ۋە ئىلمى پائالىيەتلەر ختاي ئۆزى بۇيرۇغان، يولغا قويغان پائالىيەتلەر بولسمۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا ئۇيغۇرن بولغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
راھىلە داۋۇت خانىم بۇ يىل 57 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى ئاپىسنىڭ گۇناھسز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن يىللاردىن بىرى ھېمايىچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارغانىدى.
ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ مۇددەتسز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەيىپلەپ بايانات ئىلان قىلدى.