ئاسىيە ئۇيغۇر
يېقىندا ئۇيغۇر سوتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى كۈرەشتە، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ئەۋلادىنى كېسىش، مەنبەسىنى ئۈزۈش، ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي كېسىش يەنى 断根、断代、断联、 断源 ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. گەرچە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئىزچىل تور دۇنياسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ سۆز ئىبارىلەرنىڭ خىتاينىڭ مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتلىرىدە يەر ئېلىشى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.
ئۇنداقتا خىتاي ئاتاۋاتقان <ئۈچ خىل كۈچ ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلەر>زادى كىملەر؟ بۇ سۆز ئىبارىلەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتىلغانمۇ ياكى پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغانمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەتمىش يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىش تارىخىدا، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش مەقسەتلىرى ۋە جىنايەتلىرىنى ئىزچىل <شەرقىي تۈركىستانچىلار>، <پان تۈرك، ئىسلامچىلار>، <بۆلگۈنچىلەر>، <رادىكاللار>، <تېررورىستلار>، <ئۈچ خىل كۈچلەر>، <ئىككى يۈزلىمىچىلەر>قاتارلىق تۆھمەتلىرى بىلەن قارىلاپ، ئەسلى مەقسىتى بولغان ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ <ئۇيغۇر>نامىنى يۇقىرىقى تۆھمەتلەرگە قوشۇپ ئىپادىلەشتىن ئېھتىيات قىلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچبىرىنى <بۆلگۈنچى، رادىكال، تېررورچى ئۈچ خىل كۈچلەر >تۆھمەتلىرىگە باغلاپ، ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنالمايدۇ. بىر دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ، بولۇپمۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بىر مىللەتنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ سەۋەبى، پەقەت ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا، ھاكىمىيەت ئۇلارغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلىرىنى بەرمىگەندە، بۇ مىللەت تەڭسىزلىككە، ھەقسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئاندىن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىنى دۇنياغا توغرا ئاڭلىتىشتا ئوينىغان رولى دەل بۇ نۇقتىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىلھام مۇئەللىم دەل ئۇيغۇرلارنىڭ يالغان ئاپتونومىيە ئاستىدا تۈرلۈك بەتناملار بىلەن قارىلىنىپ، ھەق – ھوقۇقلىرى قانداق دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ خىتاينىڭ ئالدىغا قويالىغان. ئىلھام مۇئەللىمنىڭ خىتاينىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنغان ھەقلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى دۇنيانىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرىنىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۆرەپ كىرەلىگەن. دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە كۆڭۈل بۆلۈشىدە، ئىلھام مۇئەللىمنىڭ بۇ ھەقتە تەمىنلىگەن ستاتىستىكىلىق مەلۇمات، دەلىل – ئىسپاتلىق ماتېرىياللىرىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئىلھام مۇئەللىم ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان ئەمەس، بەلكى يالغان ئاپتونومىيەنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۈستىدىكى تۆھمەتلىرىگە ئەجەللىك جاۋاب قايتۇرالىغان ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك قەھرىمانىدۇر!
ئۇيغۇرلارنىڭ يەتمىش يىلدىن بۇيان كۆرسىتىۋاتقان قارشىلىقلىرى دەل خىتاينىڭ يالغانچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھەقسىزلىكلىرى سەۋەبىدىندۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋە دەۋايىمىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى دۇنيانىڭ چۈشىنەلىشى پەقەت ئۇيغۇر نامىدىكى ھەرىكەتلىرىمىز ئاساسىدا ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئەقىلدىن ئايرىلغان، ھېسسىياتقا يۈكلەپ قويۇلغان بۇ دەۋا داۋانلىرىدىن ھالقىش مۈشكۈلگە توختايدۇ. دۈشمەننى يېڭىشنىڭ ئاساسى، ئۇنى چۈشىنىشتۇر. خىتاينى چۈشىنىش، خىتاينى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى!
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى ۋە مەخپىي ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان <ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش >پىلانى
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى ۋە مەخپىي ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان <ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش >پىلانى