تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 26- مارت
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ۋاشىنگتون خەۋىرى: تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خىتاينى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
26- مارت، تەيۋەن پرېزىدېنتى تۋىتتېردا مۇنداق دەپ يازدى: «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بېيجىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختاتسىلا، تېخىمۇ قارشىلىشىشتىن ساقلىنالايدۇ ۋە ئۆزلىرى ئېيتقان <مەسئۇلىيەتچان چوڭ كۈچ> كە ئوخشاش ئىش قلىشقا باشلىغان بولىدۇ.»
ئۇ «كىشىلىك ھوقۇق بولسا ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىدۇر. بىز بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىۋاستە ھەل قىلىشقا چاقىرىمىز. زۇلۇمنى توختاتقاندىلا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى ۋە توقۇنۇشلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.» دېگەن تەشۋىقات ئېلانىنى ھەمبەھىرلىدى.
بۇ تەيۋەن رەھبىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئېلان قىلغان ئەڭ كۈچلۈك باياناتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.