100دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىلى روسيە ۋەكىلىگە نارازىلىق بىلدۇرۇپ يېغىندىن چېكىندى.
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،1-مارت
1-مارت بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلغان ئۇكرائىنا كىرزىسى ھەققىدىكى ئومۇمى يېغىنىدا، روسيە ۋەكىلى سۆز قىلىۋاتقاندا، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىلى زالنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق كۆلەمدىكى نارازىلىق ب د ت تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىكەن.
رويىتىرس ئاگېنېتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،بۈگۈن ئىلىپ بىرىلغان چوڭ يېغىندا،بارلىق دۆلەتلەر روسيەنى ئەيىپلىگەن .
روسيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى–پۈتۈن دۇنيانىڭ قاتتىق غەزىۋىگە دۇچ كەلمەكتە.شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرگە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا يولغا قويغان ئېقتسادى جازالار روسيەنىڭ ئېقتسادىنى ناھايتى تىزلا ناچارلاشتۇرماقتا.