ئۇيغۇرغا قارشى خىتاينى قوللىغان 50 نۇمۇسسىز دۆلەت

ئالدىنقى ھەپتە، «زىمىستان» تورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىغىنى قوللىغۇچى 37 دۆلەتنىڭ سېپىگە يەنە 13 دۆلەتنىڭ قوشۇلغانلىغى ھەققىدىكى ماقالە شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر، ئېنگلىز ۋە خىتاي يېزىقلىرىدا يېزىلغان تىزىملىگى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىندى.

         

 

                                                    سەمەت ئابلا

 

      ئالدىنقى ھەپتە، «زىمىستان» تورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىغىنى قوللىغۇچى 37 دۆلەتنىڭ سېپىگە يەنە 13 دۆلەتنىڭ قوشۇلغانلىغى ھەققىدىكى ماقالە شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر، ئېنگلىز ۋە خىتاي يېزىقلىرىدا يېزىلغان تىزىملىگى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىندى.  مەزكور ماقالىدا بۇ دۆلەتلەرنى «نۇمۇسسىز دۆلەتلەر گوروھى» دەپ ئاتىغان، ۋە  ئېنگىلىزچە )    قىلىپ  SHAME(  نۇمۇس دىگەن يوغان رەسىملىك خەتنى قىستۇرما قىلغان.  ماقالىدە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە خىتايلار  ب.د.ت  كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ھەممە دۆلەتكە توختىماي خىزمەت ئىشلەپ ئۆزىنى قوللاشنى ئىلتىماس قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر گەرچە خىتاينى ئەيىپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولسىمۇ، ھەر ھالدا ھەم قارشى تۇرماسلىق ھەم قوللىماسلىق مەيدانىنى، يەنى ئۆزىمىزنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» يولنى تاللىغان. بۇ يەردە مۇھىم بولغان بىر نوقتا، خىتاينىڭ ھىچ بىر دۆلەتنى ئۆزىنى قوللاشقا مەجبۇرلاش ھەققى يوق، ھەم ئۇنداقمۇ قىلالمايدۇ  دىمەك.

 

 ماۋۇ 50 نۇمۇسسىز دۆلەتنىڭ قىلغىنى ئوچۇق – ئاشكارە خوشامەتچىلىك بولۇپ،خىتايغا تېخىمۇ ياخشىچاق بولۇشنى مەقسەت قىلغان،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈپ- تىرىلىشى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس.  شۇڭلاشقىمۇ زىمىستان تورى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشىنى «نۇمۇسسىزلىق» دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ خىتاينى قوللاپ ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلغان: «خىتاي كىشلىك ھوقۇقنىڭ ئۈلگىسى، ئۇنىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) دا قىلغانلىرى ئىنتايىن توغرا، باشقا دۆلەتلەر ئۆرنەك ئالسا بولۇدۇ.» دىگەندەك شەرمەندە بايانلىرىنى «ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىغان گەپلەر» دەپ ئەيىپلىگەن.

 

مەن بۇ نۇمۇسسىز دۆلەتلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق نۇمۇسسىزلىق قىلىدىغانلىغىنى، ئۆز-ئارا بىر بىرى بىلەن ۋە خىتاي دۆلىتى بىلەن قايسى جەھەتلەردە، قانداق بىر ئوخشاشلىغى ياكى ئورتاقلىغى بارلىقىنى ئېنىقراق بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىرئاز تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم.

 

    ھازىرغىچە،خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا ئائىت پاكىتلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا خىتاينى ئاقلىغان، قوللىغان ھەتتا خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى مەدھىيلىگەن نۇمۇسسىز دۆلەت 50  بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان دۆلەت 23،ئاسىيا دۆلەتلىرى 22، ئافرىقا دۆلەتلىرى 20، ئەرەپ دۆلەتلىرى 11، بۇرۇن ۋە ھازىر بولۇپ كومۇنىست تۈزۈمىدە بولغان دۆلەت 10،ياۋروپا دۆلىتى ئۈچ (روسىيە، بېلوروسىيە، سېربىيە). تۈركىي تىللىق دۆلەت ئىككى (ئۆزبەكىستان ۋە تۈركمەنىستان).

 

         تارىختىن بېرى، بولۇپمۇ يېقىنقى دەۋرلەردە دۇنيادىكى دۆلەتلەر بەزىدە دىنى ئېتىقات ،بەزىدە ئىرقى قانداشلىق، بەزىدە سىياسى ئىدولوگىيە، بەزىدە ئىختىسادى مەنپەئەت ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن گوروھلارغا بۆلىنىدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ كەلگەن.  مەن ئېسىمنى بىلسەم  دۇنيادا سابىق سوۋىت ئىتپاقى باشچىلىغىدىكى كوممۇنىزىم لاگېرى بىلەن، ئامرېكا باشچىلىغىدىكى كاپتالىزىم لاگىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىشىۋاتقان ئىكەن. باشلانغۇچ ۋە ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا بولسا دەرسلىك كىتاپلاردىكى ماركىسىزىم تەلىماتلىرىدا، » دۇنيادا ئىككىلا سىنىپ، يەنە ئەزگۈچىلەر سىنپى بىلەن ئىزىلگۈچىلەر سىنپى- مەۋجۇت، دۇنيا مۇشۇ ئىككى سىنىپنىڭ كۈرىشىنى دەۋر قىلىپ تەرەققى قىلىدۇ» دەپ سۆزلىنەتتى.

 

     1991 – يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن كومۇنىزىم لاگىرى گۇمران بولدى، سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. نەتىجىدە،ئىلگىرى بىزگە مەكتەپتە ئۈگەتكەن ئىككى سىنىپ نەزىريەسى ۋە ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كومۇنىزىم ھاكىميىتى ئەڭ ئاخىردا ئەزگۈچىلەرنىڭ كاپتالىزىم ھاكىميىتنى گۇمران قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى ئازات قىلىدۇ» دىگەن گەپلەرنىڭ ئاقماس سەپ-سەتە ئىكەنلىگىنى چۈشەندۇق. ئەمدى 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تالىبانلار باش كۆتەردى.  مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «دۇنيادا مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىبارەت ئىككىلا مىللەت( سىنىپ) مەۋجۇت، بارچە مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ كاپىرلارنى يوقۇتۇپ پۈتۈن دۇنيانى سورايدىغان مۇسۇلمانلار خەلىپىسى قۇرىمىز…» دىگەن تەشۋىقاتلار ئەۋج ئالدى.

 

  يەنە تېمىمىزغا قايتساق،يۇقارقى تىزىملىكتىكى 50 دۆلەتنىڭ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغنچىلىغىنى قوللاش ئۈچۈن نۇمۇسسىزلار گوروھى بولۇپ ئۇيۇشىشى ۋە خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرىشى، مەن بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، دۇنيانىڭ گوروھلارغا بۆلۈنۈش ئەندىزىلىرىنىڭ ھىچ بىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

 

 بۇ 50 دۆلەتنىڭ يېرىمىغا يېقىنى مۇسۇلمان دۆلەت. ئەمما ھەيران قالارلىقى  خىتاي بىلەن بىر سەپكە تىزىلغان باشقا بىرمۇنچە دۆلەتلەر بولسا خىرىستان،كومۇنىست، ياكى دىنسىز دۆلەتلەر.  ئىلگىرى بۇ ھەقتە گەپ بولغاندا كۆپۈنچىمىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەت ئورتاقلىغى ئۇلارنى شۇنداق قىلغۇزدى دىگەننى ئىلگىرى سۈردۇق. مەن بۇ دۆلەتلەرنى بىرمۇ-بىر كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا بۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار بولسىمۇ، ئەمما ھەل قىلغۇچ سەۋەپ ئەمەسلىگىنى تونۇپ يەتتىم.  مەسىلەن،نۇمۇسسىزلار سېپىدىن ئورۇن ئالغان ئافرىقىدىكى 20 دۆلەتنىڭ كۆپۈنچىسى نامرات دۆلەتلەر، خىتايدىن ئالغان قەرزى بار. لېكىن تىزىملىكتە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى، قاتارلىق باي ئەرەپ دۆلەتلىرى، روسىيەدەك بىپايان زىمىن ۋە بايلىققا ئىگە چوڭ دۆلەتلەرمۇ بار، بۇنداق دۆلەتلەر ئىقتىسادى جەھەتتە خىتايغا بېقىنمىسمۇ باي بولۇپ ياشىيالايدۇ.  

 

يەنە مەسىلەن، بىزنى قوللىغان 22 دۆلەت ئىچىدە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئىستونىيەدىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك بالتىق دۆلەتلىرى بار، ئۇلار باي ئەمەس، كۈچلۈكمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭمۇ خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى، مەنپەئەتلىرى بار، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇلار خىتاينى ئەيىپلىگەن دۆلەتلەر سېپىدە تۇردى. ناھايتى ئەپسۇسكى ،تۈركىيە بۇ شەرەپلىك دۆلەتلەر تىزىملىگىدىن ئورۇن ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئەمما، ھەر ھالدا قانداشلىرىمىز بولغان ئۆزبەكىستان ۋە تۈركمەنىستاندەك نۇمۇسسىزلار سېپىدىن ئورۇنمۇ ئالمىدى،ئەمما  بىز ھەر خىل شەكىلدە ئۆزىمىزنى بەزلىگەن ، يۇرت تېشىدىكىلەر ئىككىنجى ۋەتەن بىلىپ، سىرتىنى يۆلىگەن تېغى بىلگەن تۈركىيە بۇ مەيدانى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئېغىر ئىزتىراپقا چۆكتۈردى.

 

ئۇنداق بولسا بۇ 50 دۆلەتنى نۇمۇسسىزلار گوروھى بۇلۇپ ئۇيۇشتۇرغان ۋە خىتاي بىلەن باغلىغان ئاساسى ئامىل زادى نىمە؟ بۇ دەل مۇستەبىتلىك، ھاكىممۇتلەقلىق ۋە زوراۋانلىق ئۈستىگە ئورنىتىلغان ھاكىميەت ئەندىزىسى!  مەسىلەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، روسسىيە، بېلارۇسىيە، كۇبا ۋە شىمالى كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بىرقاتاردا دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت ھاكىميەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ئەكسچە، بىزگە ھىسداشلىق قىلىپ خىتاينى ئەيىپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا دۇنيادىكى كىشلىك ھوقۇققا يۈكسەك ئورۇن بېردىغان،دېمگۇراتىك دۆلەتلەردۇر. يېقىندا ئامرېكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى مايك پومپىو ئەپەندىم دۇنياغا خىتاپ قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەركىنلىگىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەھدىدىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى، دۆلەتلەرنىڭ ئامرېكانىڭ ياكى خىتاينىڭ كەينىدە تۇرىشى ئەمىليەتتە، ئەركىنلىك بىلەن مۇستەبىتلىك ئوترىسىدىكى تاللاش بولۇدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

 بۇمۇ دەل بۇ 50 نۇمۇسسىز دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللاشتىكى ئاساسى سەۋەپكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. يەنى؛ ئۇلار ئۆزلىرى مۇستەبىت، ئەركىنلىككە قارشى، شۇڭا دۇنيانىڭ يۈز قارىسى ئىرقى قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپ ، ئۆزىگە ئوخشاش مۇستەبىتنى قوللاشنى، ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى تاللىدى.

 

يەنىمۇ ئوچۇق ئېيتساق،»ئۈممەت» دەپ جار سالغان تالىباننىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خىتاي بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرىشى، بىز ئۆزىمىز بىلەن ھەم دىنداش ھەم تەقدىرداش ھېسىپلاپ ،يىللاردىن بېرى ئىچ ئاغرىتىپ،دۇئالىرىمىزدا ھۆرلۈك تىلەپ يۈرگەن پەلەستىىننىڭنمۇ خىتاينى قوللىغۇچىلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى،ئۆزىنى ئىسلام- مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ لېدىرى كۆرسۈتۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان ۋە شۇ مەقسەت ئۈچۈن ھە دىسە، پەلەستىن، روھىڭگىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە كەشمىرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەردۇغان ئەپەندىنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى ئېزىپ- تېزىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغىنى بىرەر قېتىم تىلغا ئېلىپ قويماسلىغى… مانا بۇلار بۈگۈن بىز كۆرۈپ تۇرغان رەھىمسىز رىىئاللىق! …..

 

  ئىسلام ئەللىرى مۇسۇلماننىڭ تەقدىرىگە كۆز  يۇمدى، تۈرك دۇنياسى سۈكۈت قىلدى دەپ بىز بۇ سەۋەپلىك مۇسۇلمانلىقتىن ياكى تۈركى قانداشلىقتىن ۋاز كېچىپ كېتەلمەيمىز، ھەم ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بىزگە مۇھىم بولغىنى بۇ ئاچچىق رىئاللىققا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن دەرس ئېلىش.

 

 قانداق دەرس ئالىمىز؟………

 

   بىرسى،بۈگۈنكى دۇنيادا، مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان بىر خەلقنىڭ ھىچكىمنىڭ ئالدىدا ئېتىبارى بولمايدۇ. دۆلەت مەنپەتى ئالدىدا دىنداشلىق، قېرىنداشلىق بىر تىيىن!  ھەر دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئەڭ مۇھىم بولغىنىدەك، بىز ئۈچۈنمۇ ھەممە ئىشتا ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى بىرىنچى ۋە ئەڭ ئالى ئورۇندا تۇرىشى كېرەك.

 

 ئىككىنچىسى، دۇنيانىڭ خىتاي باشچىلىغىدىكى مۇستەبىتلەر گوروھى بىلەن ئامرېكا باشچىلىغىدىكى ئەركىنلىك گوروھىغا ئايرىلىۋاتقانلىغىغا شاھىد بولدۇق. ئۇنداقكەن قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. يەنى، ئۆزىمىز ئەركىنلىگىمىز، مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولغانلىقىمىز،ھەمدە بىزگە ياردەم قىلىۋاتقانلار ئەركىنلىك سېپىدىكى، دېمگۇراتىك دۆلەتلەر بولغاندىكىن، بىزمۇ ئەلۋەتتە شۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىشىمىز،كەلگۈسىدە بىزمۇ شۇلاردەك ئىنسانىيەتكە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئېلىپ كېلىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلىشىمىز لازىم.

 

ئۈچۈنچىسى،دۇنياغا، سىياسى مەسىلىلەرگە نۇقۇل ھىسىياتىمىزنى چىقىش قىلىپ  ئەمەس، بەلكىم ئەقلىمىز بىلەن، بىز ياشاپ تۇرغان، كۆزىمىز كۆرىۋاتقان رىئاللىق ئاساسىدا تەھلىل يۈرگۈزىشىمىز، كاللىمىزدىكى چىرايلىق ئارزۇنى رىياللىقنىڭ ئورنىغا قويىۋالىدىغان زىيادە ساددىلىقتىن قول ئۈزىشىمىز كېرەك. كۈزەتسەك، پىكىر يۈرگۈزسەك مەسىلىلەرنى توغرا چۈشىنەلىشىمىز  ۋە تېخىمۇ جىق ئىشلارنى قىلالىشىمىز تامامەن مۈمكىن.

 

2020.8.15. نورۋېگىيە

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تۈركىيە قارا دېڭىزدىن 20 يىل يەتكۈدەك تەبئى گاز زاپىسى بايقىدى

جۈ ئاۋغۇست 21 , 2020
تۈركىيە ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ ئەنگلىيە رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە قارا دېڭىز رايونىدا زور گاز بايلىقى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايلىق تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە چەتئەلگە تايىنىشنى زور دەرىجىدە ئازلىتىدىكەن.

You May Like