ئەكبەر
2020-يىلى 8-دېكابىر
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
ئامېرىكا ئاۋازى (美国之音) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرى پومپىيو 10-نويابىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى .
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 7-دېكابىر ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ ، خىتاي كومپارتىيىسى خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ 14مۇئاۋىن رەئىسىگە جازا يۈرگۈزگەنلىگىنى ئېلان قىلدى . ئامېرىكا بىر قانچە ئاي ئىلگىرى بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدا مەجبۇرى «خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى »غا قارشى خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن ،ئامېرىكا ھۆكۇمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يەنە بىر قېتىم جازا يۈرگۈزدى . دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : بۇ جازا بېرىلگەن كىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە يول قويۇلـمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا باشقۇرۇش تەۋەلىگىدىكى ياكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋە كونتىروللىقىدىكى مال -مۈلۈكلىرى توسۇلۇپ قالىدۇ .
ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا -ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدۇ . ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتىدا مۇنداق دېدى : ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ،خىتاينىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە ۋەدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ». ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرىت ئوبىرئېشمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
خوڭكوڭدىكى دېموكىراتچىلار : مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى خوڭكوڭدىكى قاراڭغۇ بىر كۈن بولۇپ ،« بىر دۆلەت ،ئىككى تۈزۈم » نىڭ ئەمدى مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ ۋە خوڭكوڭ دائىرلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ،تىرامىپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8-ئايدا خوڭكوڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كارى لام قاتارلىق 11خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ ،ئۇلارنى خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىگى ۋە دېمىكىراتسىيىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان دەپ ئەيىپلىگەن . بۇ يىل 5-ئايدا ، بېيجىڭ 30-ئىيۇن ، ج ك پ كونتىروللىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان « خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى » نىڭ يولغا قۇيۇلغانلىقىنى مەجبۇرى جاكارلىغان ،شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلىنغان ۋە خوڭكوڭدا رەسمى يولغا قويۇلغان .