قازاقىستان سايلىمى: يېڭى پرېزىدېنت سايلاندى، نەچچە يۈز كىشى سايلامغا قارشى نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

دەسلەپكى نەتىجىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى قاسىم جومارت توقايېۋ يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان.

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-10

 

دەسلەپكى نەتىجىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى قاسىم جومارت توقايېۋ يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان.

 

دۈشەنبە كۈنىدىكى دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا، قاسىم جومارت توقايېۋ، 66 ياشلىق دىپلومات، بۇ يىل 3- ئايدا نەزەربايېف ئىستىپا بەرگەندىن بېرى ۋاقىتلىق پرېزىدېنت بولۇپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، 70.76% بىلەتكە ئېرىشكەن.

خەۋەرلەرگە كۆرە، قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتان ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالماتادا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىش قازاقىستاندا يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىكەن.

فرانسىيە خەۋەرئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مارات كوجايېۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 500 كىشى «تەستىقسىز يىغىلىش قىلغانلىق» سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان. نامايىشچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىر مەيدان نەتىجىسى ئالدىن بەلگىلەنگەن ساختا سايلام ئىكەن

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گوللاندىيەدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن 

دۈ ئىيۇن 10 , 2019
9-ئىيۇن يەكشەنبە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ئۇزاقتىن بۇيان تەييارلىق كۆرۈلگەن «ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتىنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ھالدا تاماملىدى.

You May Like