تەييارلىغۇچى: سەبرى
2019-يىلى 3-ئۆكتەبىر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغۇچىلار ئىشلىگەن دەپ قارىغان مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى تۈركىستانغا جايلاشقان خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ بار.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (U.S. Customs and Border Protection) ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي، برازىلىيە، كونگو، مالايسىيا ۋە زىمبابۋې قاتارلىق بەش دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان كىيىم -كېچەك، ئالتۇن ۋە ئالماس قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قالغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئەمەلدارى برېندا سىمىتنىڭ (Brenda Smith)دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئىدارىسى بۇ مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن پورتتا تۇتۇپ قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بۇ ھەرىكەتنىڭ بېرىدىغان ئۇچۇرى شۇكى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەمكارلىشالايدىغان بىر نۇقتا بولسا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ياق دېيىش.»
مەھسۇلاتلىرى تۇتۇپ قىلىنغان شىركەتلەر ئارىسىدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي شىركىتى- «خوتەن تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» (和田泰达服装公司) مۇ بار. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇلتۇر، ئامېرىكىنىڭ بىر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى «خوتەن تەيدا كىيىم-كىچەك شىركىتى»دىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ خىتاي شىركىتى ئىلگىرى ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى»گە (جازا لاگىرى) قامالغان كىشىلەرنى ئىشقا ئالغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان.