ئامېرىكا ئاۋازى: ئامېرىكا شىنجاڭدىكى (ش ت) كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

2019-10-09
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو سەيشەنبە كۈنى (10-ئاينىڭ 8-كۈنى) شىنجاڭدىكى (ش ت) ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 9-ئۆكتەبىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-10-09

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو سەيشەنبە كۈنى (10-ئاينىڭ 8-كۈنى) شىنجاڭدىكى (ش ت) ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پومپىيونىڭ يېزىقچە باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خىتايدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە زۇلۇم قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بار ۋەياكى قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋىزا چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىمۇ ۋىزا چەكلىمىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى خەيكاڭ ۋېيشى (海康威视) قاتارلىق 28 ئورگان ۋە شىركەتنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پومپىيونىڭ دېيىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ قارارىغا تولۇقلىما ئىكەن. سودا مىنىستىرلىكى جازالىغان بۇ ئورگانلار ج خ ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەرنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىپ قالغان.

پومپىيو باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى (ش ت) باستۇرۇشلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇيۇپ بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خىتاي پۇقرالىرىنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى توختىتىشىنى چاقىرىق قىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەممە دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش نوپۇزىنى قاراپ چىقىدۇ.»

پومپىيو كۆزدە تۇتقان «نوپۇز» دەرۋەقە 2016-يىلى 12-ئايدا قانۇنلاشقان «ماگنېتسكىي قانۇنى»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قانۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغان ۋە ئېنىق چىرىكلەشكەن چەتئەللىكلەرنى جازالاش ھوقۇقىنى بېرىدىغان بولۇپ، چېگرىدىن كىرىشىنى چەكلەش ۋە ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىپ قۇيۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ باياناتتا قايسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقى تەپسىلىي تىلغا ئېلىنمىغان. ئامېرىكا ئ‍اۋازى تەپسىلىي ئىسىم-فامىلىلەرنى سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چۈشەندۈرۈش بېرىشنى رەت قىلدى.

بىر نەپەر ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسەن ۋىزا خاتىرىسى ئاشكارىلانمايدۇ، شۇڭلاشقا بىز بۇ ۋىزا سىياسىتىنىڭ يەككە ھالدا قوللىنىشى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشمەيمىز ياكى ئاشكارىلىمايمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇ ۋىزا چەكلىمىلىرى بولسا بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى (ش ت) مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە بىۋاستە قايتۇرۇلغان ئىنكاس.»

شىنجاڭدىكى (ش ت) ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل كىشى بولسا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ پارتكوم شۇجىسى چېن چۈەنگو. ئۇ ئىلگىرى تىبەتتە پارتكوم شۇجىسى بولغان. ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون نەپەر ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى چېن چۈەنگونى جازالاشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/us-china-xinjiang-visa-restrictions-20191008/5115722.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

لى يەنخۇڭ بەيدۇ تارماق شىركىتىدىن چېكىندى. تارىخ تەكرار ئىشىك قاقىدۇ، دەرس ئالغان ئالدى ئالمىغان قالدى.

چا ئۆكتەبىر 9 , 2019
خىتاي IT تېخنىكىسىدىكى كاتتىۋاشلاردىن ما يۈن، ما خۇا تېڭ، ليۇۋ چۈۋەن جى قاتارلىقلاردىن كېيىن بەيدۇ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لى يەنخۇڭ بەيدۇنىڭ تارماق شىركىتىدىن چېكىندى.

You May Like