كانادالىق روبېرت شېللېنبېرگ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن دالىيەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

خىتاينىڭ بىر سوت مەھكىمىسى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتى بىلەن كانادالىق جاۋاپكار روبېرت شېللېنبېرگنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 14- يانۋار

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-15

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاينىڭ بىر سوت مەھكىمىسى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتى بىلەن كانادالىق جاۋاپكار روبېرت شېللېنبېرگنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەيىبلىگۈچى ئورگىنى ئەيىبلىگەن جىنايەتنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى راست، تولۇق بۇلۇپ، جىنايەت شىكايىتى پۇت تىرەپ تۇرىدۇ، شېللېنبېرگ بولسا باش جىنايەتچى. شۇ كۈنى سوت كېڭىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن، شېللېنبېرگ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.

خىتاي  2009- يىلى بىر نەپەر خروئىن ئەتكەس قىلغان ئەنگلىيىلىك ئاكمال شەيخكە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان.

36 ياشلىق شېللېنبېرگ دۈشەنبە كۈنى سوت ساقچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا قۇلىغا كويزا سېلىنغان ھالدا سوتقا چىققان. كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچخانىسىنىڭ خادىملىرى، ھەم بەزەن خىتاي ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى سوتقا سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا سىنگاپور « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى » ۋە فىرانسيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى بار ئىكەن.

دالىيەن شەھەرلىك ئەيىبلىگۈچى ئۇرۇننىڭ شىكايەتلىرىگە كۆرە، شېللېنبېرگ دىلوسىدىكى ئىككى خىتاي ۋەتەندېشىغا ئايرىم ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان.

تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ئەيىبلىدى: شېللېنبېرگ كىشىلەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپ، 2014-يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى داليەنگە يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 222.035 كىلوگرامغا يېتىدىغان مېتىلامفېتامىن (ئادەتتە ئاتىلىشى مۇز زەھەر ) نى داليەندىن دېڭىز ترانسپورتى بىلەن ئاۋىسترالىيەگە يۆتكەشكە ئۇرۇنغان. ئۇ شۈچىڭ ئىسىملىك خىتاي زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بالون، سايمان سېتىۋالغان بولۇپ، زەھەرلەرنى بالونغا يوشۇرۇپ ئەتكەس قىلىپ چېگرىدىن چىقىرىشقا تەييارلانغان.

شېللېنبېرگ سوتتا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاستىدا شۈچىڭ بىلەن تونۇشقان، ھەمدە غەرەزسىز ھالدا بىر خەلقئارالىق زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى دىلوسىغا چېتىلىپ قالغان. ئۇ يەنە شۈچىڭنى يالغان ئېيتتى دەپ ئەيىبلىدى.

دۈشەنبە كۈنى شېللېنبېرگقا ئېچىلغان ئۇچۇق سوت بىر قېتىملىق يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش بولۇپ، داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر ئاللىبۇرۇن بۇ دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىپ، شېللېنبېرگنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا، 150 مىڭ يۈەنلىك مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا، ھەمدە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرىغان. بىراق بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، كانادا ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بىلەن خۇا ۋېي مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋنى قولغا ئالغاندىن كىيىن، شۇ ئاينىڭ 29- كۈنى خىتاي نارازىلىق ئەرز سوتى قىلىش جەريانىدا، تەپتىش مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا سوت مەھكىمىسىنىڭ شېللېنبېرگكە قىلغان جازا ھۆكمىنىڭ بەكمۇ يېنىك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرغان.

تاشقى دۇنيادىكىلەرنىڭ بىردەك قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شېللېنبېرگ دېلوسىنى قايتا سوتلىشى مېڭ ۋەنجوۋنىڭ پات ئارىدا ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ بۇ دېلونى قايتا سوتلىشىدا سىياسىي قول تىقىش ۋە دىپلوماتىك ئويلىشىش بار دەپ گۇمان قىلىشماقتا. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رەددىيە بېرىپ، « ئۆزلىرى قانۇنى مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، يىنىكلىك قىلىپ خىتاينىمۇ قانۇنى مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرىدۇ دەپ گۇمان قىلماسلىقى كېرەك » دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي تەتقىقاتچىسى نى ۋېيپىڭ ئىلگىرى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ « شېللېنبېرگنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى » ئېيتقان.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتى قانۇن پراففىسورى كلاركنىڭ دېيىشىچە، خىتايدا قايتا سوتلاش كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن، ئەمما قايتا سوتتا ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىش تېخىمۇ ئاز كۆرۈلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بۇ ئىنتايىن ئېنىق، شېللېنبېرگنىڭ تەقدىرى ئەمەلىيەتتە جىنايىتى بولۇش بولماسلىقى بىلەن ئالاقىسى يوق. »

« نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بۇ دېلونىڭ تەرەققىياتى خىتاي بىلەن كانادانىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا يەتكۈزدى دېيىلگەن. شېللېنبېرگنىڭ بىر تۇققىنى « نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» گە دېيىشىچە، ئۇلار شېللېنبېرگنىڭ ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ كانادادىن مېڭ ۋەنجوۋنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش فىشكىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ كىچىك ئاپىسى لاۋرى نېلسون مۇنداق دېدى: « ئۇ بىر تال شاھمات ئۇرۇقىغا ئايلىنىپ قالدى. »

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/Canadian-sentenced-to-death-in-China-for-drug-smuggling-20190114/4741877.html?utm_source=dlvr.it&utm_medium=twitter

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

كۆزەتكۈچى تورى: تۈركىيە خىتاي مەبلىغى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى تەرك ئەتتى

سە يانۋار 15 , 2019
تۈركىيە ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى قوغداپ، ئۇلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىپ كۆچمەن بولۇشىنى ئاسانلاشتۇرغان، ئۇلار ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى سۆز قىلغان ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتە دوستلۇق ئورنىتىشىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرىدى.

You May Like