ئەنگىلىيە: ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ شىنجاڭ(ش ت)دىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە باياناتىنى قوللايمىز

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتىپاقى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى 26-ئۆكتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزىشىگە قارىتا بەرگەن باياناتىنى قوللايدۇ.

 ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتىپاقى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى(EEAS)نىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە باياناتنى قوللايدۇ.

 

 

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى

تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم ئۆتۈكەن

تەھرىر: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتىپاقى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى 26-ئۆكتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» غا   تۈزىتىش كىرگۈزىشىگە قارىتا بەرگەن باياناتىنى قوللايدۇ.

ياۋروپا ئىتىپاقى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە باياناتى:

 

  • خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نىڭ تۈزۈتۈلگەن نۇسخسى شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ناچار ئەھۋالنىڭ روشەن ئىپادىسى. ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە كىشىلەرنى سىياسى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تۇتقۇن قىلىش، ئېنتايىن قاتتىق نازارەت قىلىش، يۈرۈش-تۇرۇشىنى چەكلەش، ھەمدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى  خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت.

 

  • بۇ تۈزۈتىلگەن نۇسخسىدىكى «نىزاملار» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى كەمسىتىشنى يوقىتىش كومېتىتېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقى تۈركىستان)دىكى سىياسەتلىرىنى ياخشىلاشقا قارىتا چاقىرىقىغا قارمۇ-قارشى ھەركەت ھېسابلىنىدۇ.

 

  • بۇ ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۇنيا كىشلىك ھوقوق ختابنامىسى» ۋە «خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسى ھوقوق كېلىشىمى» گە ئىمزا قويغۇچى دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن  كىشىلەرنىڭ دىننى ياكى ئىتىقاد ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ھەمدە ئېتنىك ۋە دۆلەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەتكە تەۋە بولغان پۇقرالارنىڭ ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: https://www.gov.uk/government/news/eu-statement-on-human-rights-in-xinjiang

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاي نىمە ئۈچۈن ياۋرۇپانىڭ پورتلىرىنى سېتۋالىدۇ؟

پە نويابىر 1 , 2018
دۆلەت ئىگلىكىدىكى پورت ئىشلتىش ۋە توشۇش كارخانلىرى ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول » قۇرلۇشدىكى ئەڭ موھىم ئالدىنقى سەپتۇر.

You May Like