تەشۋىقاتىمىزدىكى بوشلۇقلار

2017- يىلدىن باشلانغان، يۇرت ئاسمىنىنى ھېچبىر چالا قويماي قاپلىغان قارا تۇمان[1]، چەتئەلدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارىغان بارىلىق كىشىلەرنى ئورنىدىن دەرس تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى [2]

كۆنچى

 

2017- يىلدىن باشلانغان، يۇرت ئاسمىنىنى ھېچبىر چالا قويماي قاپلىغان قارا تۇمان[1]، چەتئەلدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارىغان بارىلىق كىشىلەرنى ئورنىدىن دەرس تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى [2] . ئۇيغۇر دەۋاسىمۇ كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەبۇئاتتا ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى، بۇندىن بۇرۇن پەقەت «دىققىتىنى قوزغىدى» [3]، «نەزىرىنى تارتتى» [4]، » گۇۋاھلىق بېرىش يىغنى ئېچىلدى» [5] دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاياغلاشقان خەۋەرلەر مانا ئەمدى «كۈنتەرتىپكە كەلدى» [6]، » قارارلار ماقۇللانماقچى» [7]، ھەتتا «كۈچلۈك ئەيىپلەندى» [8] دىگەندەك خەۋەرلەرگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ تەشۋىقات ھەركەتلىرىمۇ گۈللەندى.تەشكىلاتلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى [9] ۋە قارمىقىدىكى ئەزا تەشكىلاتلار[10 ۋە باشقىلار]، سۈرگۈن ھۆكۈمەت [11 ۋە باشقىلار]قاتارلىقلار تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى ، شەخىسلەردىن تاھىر ئىمىن ئەپەندى [12]، خالمۇرات ئەپەندى [13]، ئابدۇغېنى سابىت ئەپەندى [14]، ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى [15] ( ۋە باشقىلار) قاتالىقلارمۇ تەشۋىقاتقا قوشۇلدى ياكى تەشۋىقاتنى تېىخىمۇ كۈچلەندۈردى. بۇلۇپمۇ تاھىر ئىمىن ئەپەندى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئايئۇيغۇر[16] ، ئۇيغۇر ۋاقتى [17] قاتارلىق توربېكەتلىرى ھازىر جاۋاپلىقى، سىياسى خەۋەرلەرنى دەل ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىشى بىلەن كۆپنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇندىن باشقا ئىمزا پائالىيتى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى قېرىنداشلارمۇ كۈچەپ، تەشۋىقاتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى [18]. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنگلىز تىلىدىكى ھەپتىلىك خەۋەرلەر پروگراممىسى [19] تىلىنىڭ قىسقا، ئىخچام بولىشى، زامان- ماكان ئۆزگۈرۈشىگە ماس ھالدا ئېلىپ ماڭغانلىقى بىلەن، كۆرۈلۈش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئاشتى. شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىمۇ بۇ يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرچە، خىتايچە، ئەرەپچە ۋە تۈركچە خەۋەرلىرىمۇ خېلى كۆپ ئالقىشقا ئېرىشتى [20]. تۈركىستان تايمىزنىڭ ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە ۋە ئېنگىلىزچە قاناللىرىمۇ خېلى كۆپ ئوقۇرمەننى ئۆزىگە تارتتى [21]. لېكىن يەنىلا، تىل خىللرىنىڭ ئازلىقى، ئوخشىمىغان تىلدىكى بەتلەرنىڭ، سەھىپىلەرنىڭ ماس قەدەمدە ماڭالماسلىقى، ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلدىكى تەشۋىقات ماقالىلىرنىڭ تېمىسىنىڭ ئادەمنى جەلىپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەسلىكى، كىشىگە ئۇيغۇر تەشۋىقاتىنىڭ ناھايتى پىلانسىز، قالايمىقان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇلۇپمۇ ھازرىقىدەك، كىشىلەر ئۇزۇننى ئوقۇشتىن قىىسقىنى ئوقۇشقا ئامراق، ئاڭلاشنى ئوقۇشنىڭ ئالدىغا قويىدىغان، كۆرۈشنى ئاڭلاشتىن ئەۋزەل بىلىدىغان دەۋىردە، شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىدىن [20] باشقا ئۇچۇر- تەشۋىقات سۇپىسىنىڭ ئۇزۇن ماقالە – ئوبزورلارغىلا تايىنىشى ياكى ۋىدىئو تىلىنىڭ بىر خىللا بولىشى، بىزنىڭ تېخى ماڭىدىغان يولىمىزنىڭ ناھايتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئپادىلەپ بەرسە، تەشۋىقاتنىڭ زىيادە سىياسى بولۇپ كېتىشى ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى، كۆرگۈچىلەرنى ئاسانلا ھاردۇرۇپ قويىدۇ. خۇددى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغاندەك، بىز بىر مېدىيا جېڭى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك [22]، لېكىن بۇ ئۇرۇش چوقۇم ئىستىراگىدىيەلىك ۋە كۆپ قىرلىق بولىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا بۇ ئۇرۇشتا تەشەببۇسكار مەيدانغا ئۆتەلەيمىز. شۇنداق قىلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلار مەيدانغا كېلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ قان تەرى بولمىسا، بۇ تەشۋىقات ئۇرۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرايدۇ. ئۇنداقتا بۇ تەشۋىقاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ بىز بۇ جەڭنى بىر نەچچە تەرەپتىن ئېلىپ بېرىشمىز كېرەك. مەسلەن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قەدەر ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلارنىڭ ھەپتلىك خەۋەر پىروگىراممىسى چوقۇم كۆپ خىل تىلدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ چوقۇم ھەر خىل تىلدا، ئاز دىگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 6 تىلدا (ئەرەپچە، خىتايچە، ئېنگىلزچە، فىرانسۇزچە، روسچە، ئىسپانچە) يوۋتۇب، فېيسبوك، تۋىتتېر نومۇرلىرى بولىشى، ماس قەدەمدە ھەپتىلىك خەۋەرنى تارقىتىشى كېرەك. بۇ جەۋەتتە ئۇلار كۈندىلىك خەۋەر چىقرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىشى، تۈركىيە ياكى باشقا جايلاردىكى كۆپ خىل تىللىق ياشلاردىن توغرا پايدىلنىشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن جەڭگىۋار قېرىنداشلار يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئوتتۇرغا چۈشۈپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ. گۇۋاھلىق بەرگەندە بەك ھوشىيار بولىشمىز، بىزنىڭ بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىشىمىزنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىز ئەمەس، بەلكى بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى بولغانلىقىمىز ئىكەنلىكىنى تۇللۇق يۇرۇتۇپ بېرىشىمىز كېرەك. گۇۋالىقنىڭ بەزىلىرى ئېنگىلزىچە ۋە باشقا تىلدا بولسىمۇ يەنە نۇرغۇنلىرى يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ، گەرچە ئۇيغۇر تىلى ھەققانىيەتنىڭ تىلى [23] بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە تارتىش ئوبېكتىمىز ژۇرنالىستىلا بولۇپ قالسا بولمايدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر لارگىرلار يوق دەپ تىتەن – پەدە گەپ قىلىپ، دۇنيا خەلقىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈيدۇ [24]. ئۇلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەكمۇ؟ شۇنداق، چوقۇم قايتۇرۇش كېرەك، بۇ زامان ئالىجاناپنىڭ زامانى ئەمەس، چوقۇم ھەرخل ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك، ھېچ بولمىغاندا ئادەم تەشكىللەپ، شىكايەت قىلشمىز، ئىنكاس يېزشىمىز كېرەك [25]. لېكىن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھەرگىزمۇ شىكايەت قىلش ئۈچۈنلا شىكايەت قىلىش ئەمەس بەلكى يۇمشاق ئۇسۇلدا ئۇلارنى يېڭشىمىز كېرەك. مەسلەن، ئاشۇ جەڭگىۋار گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، خەتلىك ۋىدىئو قىلىپ ھەر خىل تىلدىكى يوۋتۇب، فېيسبوك، تۋىتتېر نومۇرلىرىدا تارقىتىش؛ ۋىدىئونىڭ ئىسمىنى ياڭراق، كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان قىلىپ قۇيۇش كېرەك. لاگىرلارنىڭ ئىچىدىكى دەھشەتلىك ئەھۋالنى ۋىدىئو ئارقىلىق بىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، بۇ ھەقتە يەنلا خېلى كۆپ ماتېرياللار بار، ئەگەر ئۆمەربېك [26] ئاكىمىزنىڭ ئىنكاس قىلغانلىرنى بىز بىر قېتىم تەقلىد قىپ چىقساق بولىدۇ، بۇ باشقىلارغا لاگىرنىڭ ئىچىىدكى ئەھۋالنى بىلدۈرۈشكە پايدىسى بار، ھەم ئۇنىڭ دىگىنىنى ئاڭلاپ، لاگىرنىڭ ئەھۋالىنى خيال قىلدۇرغاندىن كۆرە، ئۆزىمىز بىرەر ئۆينى ۋاقتىنچە شۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈۈپ، ئارتىسلىرمىز بىلەن كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئىپادىلىسەك، ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىمۇ ناھايىتى ئاسانلا بىز تەرەپكە ئۆتىدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم سىياسى مۇددىئاغا ۋەكىلىك قىلسا، بىز بۇندىن باشقا ھەرخىل تىلدا ھەرخىل ئاددى ۋىدىئولارنى تارقاتساق، بۇمۇ يەنە بىر خىل يۇمشاق كۈچ بۇلۇپ قالىدۇ. مەسلەن يۇرتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى قىزىقارلىق قىلىپ ۋىدىئوغا ئىشلىسەك، ئېگىز تاغلىرىمىزنى، گوبى چۆللىرمىزنى، پەلەككە تەڭ چوققىلارنى، قۇرۇپ كەتكەن كۆللىرىمىزنى، ھەر قايسى يۇرتلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈكلىرىنى ھەرخىل تىللاردا تەشۋىق قىلساق، بىزنى بىلدىغانلار يەنىمۇ كۆپىيدۇ. يەنە مەسلەن تارىخمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، دۇنيادىكى تۇنجى خەرىتە، دۇنيادىكى تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك قاتارلىق ھەيۋەت لېكىن ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كىشىلىرمىزنىڭ نامىدا ۋىدىئولارنى ئىشلەپ تارقاتساق، بۇمۇ بىزنىڭ يۇمشاق كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلار ھەرگىزمۇ بىر نەچچە كىشىنىڭ قولىدىن چىقىپ بولالمايدۇ، چوقۇم يەنىلام كۆپچىلىككە تايىنىشى كېرەك. ۋاتىسئەپپ، فېيسبوكتا مۇۋاپىق گۇرۇپپىلار قۇرۇلۇشى، ئىنكاس لازىم بولغاندا ئىنكاس، تەرجىمان لازىم بولغاندا تەرجىمان، خەتچى لازىم بولغاندا خەتچى تەييار بولۇپ تۇرىشى، بىر تۈركۈم جان پىدا بىلەن ياردەم قىلدىغان ياشلار قوشۇنى بەرپا بولۇشى كېرەك. بىزدە ھازىر رېژىسورلار، ئاكتىيورلار، مۇزىكانتلار ۋە ھەرخىل تىلنى يىرتىدىغان ئوقۇغۇچىلار خېلى بار، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلنىشمىز، زۆرۈر بولغاندا مائاش بېرىشىمىز كېرەك. بۇ بىز ئۈچۈن پۈتۈن مىللەت ئويغانغان ياخشى پۇرسەت، بۇ قېتىم چىڭ تۇتمىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى تېخىمۇ خاراپ بولىدۇ، تۈگەيدۇ.

ۋاقىت چەكلىمىسى بىلەن سەل ئاددى بۇلۇپ قالدى، قېرىدناشلارنىڭ تۈزتۈش بېرىشىنى، ئامال بار تەشۋىقات سېپىگە تېزدىن ئاتلىنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

پايدىلىنىش ماتىرياللىرى

[1] https://panampost.com/…/chinese-concentration-camps-talki…/… [2] https://thediplomat.com/…/06/i-am-uyghur-and-i-will-protest/ [3] https://www.rfa.org/…/…/terrorgha-qarshi-12282015144204.html [4] https://www.rfa.org/…/bingtuan-teshwiqat-03012016221857.html [5] https://www.rfa.org/…/kis…/dolet-mejlisi-05252016145656.html [6] https://www.rfa.org/…/amerika-uyghurlar-heqqide-bayanat-042… [7] https://www.rfa.org/…/si…/lager-mesilisi-10032018125143.html [8]https://www.rfa.org/…/kambodzhadiki-22-uyghur-1218200917490… [9] https://asia.nikkei.com/…/Exiled-Uyghur-leader-seeks-UN-Sec… [10] http://uigurene.no/ [11] http://www.etge.org/ [12] https://www.wsj.com/…/beijing-squeezes-exiles-in-u-s-by-det… [13] https://uyghuraid.org/ [14]https://twitter.com/AbdugheniSabit… [15]https://www.facebook.com/urhun.uyghur [16]http://iuyghur.com/ [17] http://weiwuer.com/ [18] https://www.facebook.com/alkuddus.zulpikar/videos/868346493555983/UzpfSTEwMDAxNDkzMDg4OTA1Mjo0NzM3NjMyNjk3OTgwMzI/ [19] https://www.facebook.com/uyghurcongress/videos/2199940323552966/ [20] https://www.youtube.com/cha…/UCoPP3W6Ev2knibIMCplYOSQ/videos [21] http://turkistantimes.com/ [22] https://www.facebook.com/photo.php?fbid=10211678892023968&set=pob.1117218518&type=3&theater [23] https://www.facebook.com/abduwali.ayup.3/posts/2203550333014180 [24] https://www.youtube.com/watch… [25] https://www.facebook.com/photo.php?fbid=187779578787258&set=a.105140860384464&type=3&theater [26] https://www.youtube.com/watch?v=nHkIT18Py04

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئىقتسادشۇناش ژۇرنىلى : خىتاينى ئىستراتىگىيلىك رەقىپ دەپ قاراش ـ ئامېرىكا ئىككى پالاتادىكى ھەربىيلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئورتاق تونىشىدۇر

دۈ ئۆكتەبىر 22 , 2018
ئىقتسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ ( Economist ) ئەڭ يېڭى سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئامېرىكا - خىتاي رىقابىتىنى تېما قىلغان بىر رەسىم بېسلغان بولۇپ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردىن مەلۇم بولىشىچە ، ئامېرىكدىكى ئىككى پارتىيە، دىپلۇماتلار، ھەربىيلەر ۋە سودا ـ سانائەتچىلەر خىتاينىڭ ئىستراتىگىيلىك رەقىپ ئىكەنلىكى توغرسىدا ئورتاق تونۇشقا كەلگەن . بۇ 19- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئىش. ماقالىدە يەنە پىرزدىنت تىرامىپنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزتسىيسى ۋە توغرا قارالىرى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن، شۇنداقلا ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ پەقەت تاكتىكغىلا ئەمەس بەلكى مۇكەممەل بىر ئىستراتىگىيلىك پىلانغا ئىھتياجلىق ئىكەن

You May Like