خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرىغا ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىندى

خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرىغا ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىندى

 ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 11-ئاۋغۇست

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىقتىساد باش مەسئۇلى مىڭ ۋەن جۇ كانادادا قولغا چۈشكەندىن بۇيان خىتاي تەرەپ ئۈچ نەپەر كانادا پۇقراسىنى » گۆرۈ» ھېسابىدا تۇتۇپ تۇرغان ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى روبېرت شېللېنبېرگ (Robert Lloyd Schellenberg) مىڭ ۋەن جۇ قولغا ئېلىنىشتىن بىر ئاي بۇرۇن يەنى 11-ئايدا خىتاي تەرىپىدىن «زەھەر ئەتكەسچىلىكى» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، قالغان ئىككى نەپىرى بولسا ئايرىم- ئايرىم ھالدا سابىق كانادا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى مايكېل كوۋرىڭ (Michael Kovrig) بىلەن سودىگەر مايكېل سپاروۋ (Michael Spavor) بولۇپ، ئۇلار مىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. 2019-يىلى 1- ئايغا كەلگەندە روبېرت شېللېنبېرگ ئۈستىدىن چىقىرىلغان 15 يىللىق قاماق جازاسى تۇيۇقسىز ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئەمما جاۋابكار بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىقى ئەرزىنى سۇنغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.

يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ياخشىلىنىش بولمىغان. مىڭ ۋەن جۇ غا 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىنىشتىن 10 كۈن بۇرۇن يەنى 8-ئاينىڭ 10- كۈنى، بېيجىڭ تەرەپ روبېرت شېللېنبېرگ نىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بولغان نارازىلىق ئەرزىنى قايتۇرغانلىقىنى، ۋە «لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوتى «تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  

بېيجىڭنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مارك گارنۇ (Marc Garneau) بايانات بېرىپ: شېللېنبېرگ كە بېرىلگەن جازانى ئىنتايىن رەھىمسىزلىك ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق دەپ تەرىپلىدى. شۇنداقلا مىڭ ۋەن جۇ غا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن بۇ قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى قانداقتۇر بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مىكروبلوگ تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ يازدى: » خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ شېللېنبېرگ ئۈستىدىن چىقارغان قارارنامىسى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، كانادا تەرەپ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىزلەرچە جازاسىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ۋە داۋاملىق تۈردە بۇ ۋەقە ئۈستىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، مەيلى قانداق شەرتلەرنىڭ قويۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈم جازاسىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، شېللېنبېرگ ئەپەندىگە خالىغانچە بېرىلگەن جازالارنى ئەيىبلەيمىز».

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە كانادا دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇ ۋەقەگە قارىتا ئەكس سادالىرى كۈچەيگەن بولۇپ، كانادادىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى رەھبىرى ئېرىن ئوتول (Erin O’Toole) ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئەركىن پارتىيەنىڭ خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە خىتاينىڭ سىياسىي مۇددىئانى باھانە قىلىپ تۇرۇپ بىر كانادا پۇقراسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى قاتتىن ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە تەنھەرىكەتچىلەرگە كېلەر يىللىق «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك» نى بايقۇت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى كانادادىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە تورى CTV بىر پارچە راي سىناش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا راي سىناشقا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ قىسىم خەلق كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ تەرەپ روبېرت شېللېنبېرگ كە جازا ئېلان قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى يەنى 8-ئاينىڭ 11- كۈنى ئوخشاشلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى مايكېل سپاروۋ (Michael Spavor) قا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىنى  يەنە بىر بالداق يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە كانادا مىنىستىرى جاستىن ترۇدو(Dominic Barton) بۈگۈن خىتاينىڭ بۇ ھۆكۈمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: » سپاروۋ ئەپەندى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت خالىغانچە تۇتقۇندا تۇردى، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئىش پرىنسىپلىرى ئاشكارا ئەمەس، شۇنداقلا خەلقئارالىق قانۇن تۈزۈملەرگە ئاساسلانغاندىمۇ بۇنداق ھۆكۈم بېرىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس».  ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا تەرەپمۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان.

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئېچىلمىغان سىرلار- خىتاينىڭ "كېسەك" چېيىنى بايقۇت قىلىش ئىنقىلابى

چا ئاۋغۇست 11 , 2021
ئېچىلمىغان سىرلار- خىتاينىڭ "كېسەك" چېيىنى بايقۇت قىلىش ئىنقىلابى

You May Like