ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: زەپەر ئەردەم
2019-5-24
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مايكىل براۋىن ئامېرىكا ئاۋازى قانىلىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان خىرسلار ئۈستىدە توختالدى.
ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتى ۋە روڭدىڭ گوروھىنىڭ 8-ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالغان بىۋاستە مەبلىغىنىڭ 2018-يىلى 2017-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 83% تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئاران 5 مىليارد دولار بولغان براۋننىڭ دېيىشىچە، خىتاي بىۋاستە مەبلىغىنىڭ تۆۋەنلىگەن قىسمى ئاساسەن ئۆي-مۈلۈك ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدە بولغان، ئەمما ئامېرىكىدىكى يېڭى تېخنىكا ساھەلىرىگە سېلىنغان خىتاي مەبلىغى ھېچقانداق ئازايمىغان. ئۇ “بۇ ھادىسە نېمە ئۈچۈن بىر مەسىلە ھېساپلىنىدۇ؟ چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەربى كۈچ جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكنى ئىلغار پەن-تېخنىكا كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلگەن” دېدى.
ئۇ بىرىنچى قېتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىنى مىسالغا ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ 6 كۈن ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 6 ھەربى كۈچنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى دېدى ۋە بۇلارنىڭ ئاساسى ئەينى ۋاقىتتىكى سۈننى ھەمرا ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى ۋە كېچىدە كۆرۈش تېخنىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتە رەقىبلىرى بىلەن بولغان مۇساپىسى، بولۇپمۇ خىتاي ۋە روسسىيە بىلەن بولغان مۇساپىسى ناھايىتى ئۇزاق ئىدى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ھەرخىل تېخنىكىلارنى ھەمبەھىرلەش جەھەتتە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، بۇ جەھەتتە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بولسىمۇ، يېڭى قۇرۇلغان كىچىك كۆلەمدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ تەدبىرسىز ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كىچىك شىركەتلەرنىڭ ئىشەنچىلىك بولغان تور سىستېمىسى يوق ۋە ئىچكى جەھەتتىن كىلىدىغان تەھدىتلەرگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش پىلانى يوق دېدى
ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئامېرىكىدىكى سىلىكون ۋادىسىدىكى شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق يېڭى تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ خۇئاۋېي ۋە جۇڭشىن قاتارلىق چوڭ شىركەتلىرىگىمۇ زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۇ شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك قازاندۇرۇش ئارقىلىق پەن-تېخنىكا ساھەسىدە يېڭى تۈزۈم بېكىتىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەن. ئۇ “”بىز خىتاي بىلەن پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسى قىلىۋاتىمىز، بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان جەڭ بولۇپ، ئىككى ئوخشىمايدىغان تۈزۈم ۋە قۇرۇلمىنىڭ رىقابىتى ھېسابلىنىدۇ”دېدى.
مەنبە: ئامرىكا ئاۋازى