ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە ئىككى خىتاي شىركىتىنى جازالىماقچى

بىر پارچە ھۆججەت ۋە بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى جوڭشىن خەلقئارا شىركىتى (Semiconductor Manufacturing International Corporation, SMIC) بىلەن

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 1- دېكابىر

 

بىر پارچە ھۆججەت ۋە بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى جوڭشىن خەلقئارا شىركىتى (Semiconductor Manufacturing International Corporation, SMIC) بىلەن خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى (China National Offshore Oil Corporation, CNOOC) نى خىتاي ھەربىي تەرەپ بىلەن ئالاقىسى بار كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزمەكچى بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىكتە يەنە خىتاي قۇرۇلۇش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە خىتاي خەلقئارا قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىمۇ بار ئىكەن.

 

مەنبە:
https://www.reuters.com/article/usa-china-military-companies/exclusive-trump-to-add-chinas-smic-and-cnooc-to-defense-blacklist-sources-idUSL1N2IG0KV

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى.

سە دېكابىر 1 , 2020
شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «مەڭگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ شائىرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ، شائىرنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق قوش تىللىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «دايى» نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇلدا نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىدى.

You May Like