تەييارلىغۇچى: ئىقبال
كوررېكتور: مەنزىل
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-13
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قاتار ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەسمىي باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تۈركىيەدە ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە سىياسىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك پەيتتە، قاتار سىياسىتىنىڭ بۇ ئەۋزەللىكى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. خەۋەر ئىنگلىز، خەنزۇ ۋە ئەرەب تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى ئادرېسىقا مۇراجەت قىلسا بولىدۇ. https://www.hrw.org/news/2018/10/30/qatar-gulfs-first-refugee-asylum-law?fbclid=IwAR27c4pGmq-A3kppIUMOk3btxHAsPh5gOeThj2kYe-nswXZUQEtpjAU53b8