بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىدىغان ۋىدىئولارنى ئىشلەشكە مەجبۇرلىماقتا

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، دۇنيا مىقياسدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى ئەيىبلەيدىغان سادالار كۈچەيگەندىن كېين، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت تاراتقۇسى ۋە خەلقئارا ئىجتىمائىي سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ، ۋەزىيەتنى، ختاي سياسىتىنى ماختايدىغان كۆپلەپ ۋىدىئولارنى ئىشلەشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر يۈرەك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021-يىلى 21- ماي

 

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، دۇنيا مىقياسدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى ئەيىبلەيدىغان سادالار كۈچەيگەندىن كېين، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت تاراتقۇسى ۋە خەلقئارا ئىجتىمائىي سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ، ۋەزىيەتنى، ختاي سياسىتىنى ماختايدىغان كۆپلەپ ۋىدىئولارنى ئىشلەشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆججىتىدە ئاشكارلىنىشچە، دائىرىلەر قارامايدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن خىتايچىغا ماھىر ئۇيغۇرلارنى تېپىپ، خىتاي كومپارتىيىسنى ماختاشقا، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيونى سۆكۈشكە بۇيرۇغان. بۇ ھۆججەتتە ئوچۇق مۇنداق دېيىلگەن: «مايك پومپىيونىڭ سۆزلىرىگە ھەققىدە ئېنىق ۋە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈش كېرەك، مەسلەن:مەن پومپىيونىڭ جۇڭگوغا قارشى سۆزلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، شۇنداقلا پارتىيەگە ۋە دۆلەتكە، شنجاڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئىپادىلەش كېرەك، مەسلەن: مەن جۇڭگولۇق، مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، مېنىڭ خىزمىتىم ۋە تۇرمۇشۇم ناھايىتى ياخشى.»

 

خىتاي رىجىمى سەۋەبىدىن 2017- يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن:

 

خىتاي چەتئەل ئۇچۇرلىرىنى ناھايتى قاتتىق كونترۇل قىلىدۇ، پومپىيوغا قارشى سۆزلىگەن ئۇيغۇرلار ھەتتا پومپىيونىڭ كىملىكىنى بىلىشىمۇ ناتايىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى تېخىمۇ بىلەلمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار پومپىيونىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنى قانداق ئەيىپلسۇن؟»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي جاسۇسلىرى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش يېڭى قانۇن لايىھىسى

شە ماي 22 , 2021
20- ماي ئامېرىكا پارلامېنتدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇرۇن جاسۇسلۇق قىلمىشى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىقى سادىر قىلغان شەخسلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدىغان يېڭى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

You May Like