«ئۇيغۇر دىگەن نىمە؟»-2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتلىق نامزاتى ئۇيغۇرلارنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى.

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-ئېيۇن
بۈگۈن مېئامى شەھەر باشلىقى، 2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنىتلىق سايلىمى كاندىداتلىرىدىن بىرى فىرانسس سۇئارىز (Francis Suarez) تېلىۋىزىيە زىيارىتىدە سورالغان «سز سايلام ھەرىكىتىڭىزدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ پىكىر بىلدۈرەمسز ؟»دىگەن سۇئالغا: ئۇيغۇر دىگەن نىمە؟ -دەپ قايتا سورىغان، رىياسەتچى ئاغزىنى ئىچىپ ھەيران قالغان، سۇئارىز كىين بۇ ھەقتە قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەق مەيدان تېلىۋىزىيە پىروگراممىسى تارقىتىلغاندىن كىين ، ئامېرىكىنىڭ بارلىق تاراتقۇلىرى بەس-بەستە خەۋەر بىرىپ، 2024-يىلى سايلامغا قاتنىشىدىغان بىر نامزاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلمەسلىكىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى يازغان. بۇ سەۋەب بىلەن ئۇيغۇر مەسلىسى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك سياسەت سەھنىسدە مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلدى.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىنگىلىزچە قانىلى-ئۇيغۇر تايمىز بۇ ھەقتە«پىرەزدىنتلىق كاندىداتلىرى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى چوقۇم بىلىشى كىرەك؟ » دىگەن تېمىدا .وبزور ئىلان قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ھېيتتا خۇشال بولالمايدىغان مۇسۇلمان مىللەت — ئۇيغۇرلار

چا ئىيۇن 28 , 2023
ھېيتتا خۇشال بولالمايدىغان مۇسۇلمان مىللەت — ئۇيغۇرلار

You May Like