كېلەچەك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ كونىيادىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

28- يانۋار تۈركىيە كېلەچەك پارتىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى، سابىق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ، خانىمى ۋە بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى كونىيادىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 29- يانۋار

 

28- يانۋار تۈركىيە كېلەچەك پارتىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى، سابىق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ، خانىمى ۋە بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى كونىيادىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى.

 

زىيارەت جەريانىدا داۋۇت ئوغلۇ ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارغان ۋاقىتىدا ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھىس قىلغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ماقۇللانغان جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قانۇننىڭ تۈركىيە پارلامىنتىدىن تەستىقلانماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يەنى 13- يانۋار كونىيادىكى ئۇيغۇرلار كېلەچەك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە كونىيادىكى ۋەتەن پارتىيەسى خىزمەت بىناسى ئالدىدا «ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمىسۇن!» دېگەن لوزۇنكا ئاستىدا 3 كۈنلۈك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، قىسقىغىنە 3 كۈن ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىمزاسى توپلاغان ئىدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

رەزىل خىتاي يالغانچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

جۈ يانۋار 29 , 2021
ئائىلىسى لاگېردا ياكى سەۋەپسىز كېسىلىپ، ھەرقايسى تۈرمىلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ھەم شۇنداقلا يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، ئىستانبۇل سارى يەر رايونىدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېكىرىنى قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان بولسىمۇ، خىتاي كونسۇلى بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

You May Like