ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
ئەردەم
2019-12-26
26- دىكابىر ئەرەبچە «ئاخىرقى خەۋەر » ئاگىنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن غەززە رايونىدىكى دىنىي ئىشلار ۋازارىتى ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا شەرقىي تۈركىستاندا چەكتىن ئاشقان زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھىمايە قىلىش، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
نامايىشقا نەچچە ئون ئۆلىما، ئىمام ۋە خەتىپلەر قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇملارنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان رەسىم ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار تاكى تىگىشلىك ھوقۇقىغا ئىرىشمىگۈچە بولدى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949- يىلى بىسىۋالغانلىقى، كىيىن يىلسىرى خىتايلارنى يۆتكەپ، ئەسكەر كۆپەيتىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا غايەت زور لاگىرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگىرلارغا قاماپ ئۇلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىسلام دۇنياسى ۋە غەرب كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، بالىلار ۋە ئاياللارنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
مەنبە:
https://m.arabi21.com/Story/1232695
م