4-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىش ئۈستىدە بېلەت تاشلىدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى 18-ئاپرىل بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەتنى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى. بۇ، تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنىڭ 7-قېتىم ئۇزارتىلىشى. 2016-يىلى 7- ئايدا يۈز بەرگەن ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ھالەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ھازىرغىچە كۆپ قېتىم مۇددەتنى ئۇزارتتى. تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش منستىرى بوزدا: جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇش بولسا تېررورلۇققا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشنىڭ ئېھتىياجى، تىنچلىقپەرۋەر پۇقرالارغا قارىتىلغان ئەمەس، دېدى. 18-ئاپرىل ئەتىگەندە، تۈركىيە پىرىزدىنتى ئەردوغان 6-ئاينىڭ 24-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئەسلىدە بېكىتىلگەن 2019-يىلى 11- ئايدا ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ئالدىغا سۈرۈلدى. ئەردوغان: تۈركىيە نۆۋەتتە چېگرا ھالقىپ سۇرىيەدە ھەربىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، سۇرىيە، ئىراق قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئېنىقسىزلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، بۇ ئامىللار سەۋەبلىك تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش زۆرۈر، دېدى.
تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارار قىلىندى
تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارار قىلىندى