رەشىدە ۋە ئىلخان ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى مۇسۇلمان ئايال مەجلىس ئەزالىرى بۇلۇپ سايلاندى

پەلەستىن پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق رەشىدە تالىب (Rashida Tlaib)ۋە سومالى پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئىلخان ئۆمەر Ilhan Omar)) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سايلانغان تۇنجى مۇسۇلمان ئاياللار بولدى.

ئەلجەزىرە ئىنگىلىزچە قانىلى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018 -يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەرتېكىن

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

پەلەستىن پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق رەشىدە تالىب (Rashida Tlaib)ۋە سومالى پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئىلخان ئۆمەر Ilhan Omar)) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سايلانغان تۇنجى مۇسۇلمان ئاياللار بولدى.

رەشىدە، مىچىگانMichigan )(شتاتىنىڭ 13- مەجلىس سايلام رايونىنىڭ بىردىنبىر چوڭ پارتىيە كاندىداتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇتۇپ چىقتى. ئىلخان مىننېسوتا (Minnesota)شتاتىنىڭ كۈچلۈك دېموكراتلار مەجلىس سايلام رايونى بولغان 5- رايوندا غەلىبە قازىنىپ ، تۇنجى مۇسۇلمان ئەر مەجلىس ئەزاسى كېيت ئېللىسۇن( KeithEllison)نىڭ ئورنىنى ئالدى. كېيت ئورنىنى بوشىتىپ شتات باش تەپتىش سايلىمىغا قاتناشتى.

رەشىدە تالىب ۋە ئىلخان ئۆمەر كىم ؟

42 ياشلىق رەشىدە تالىب مىچىگان شتاتىنىڭ دىتروئىد  Detroit)) شەھىرىدە پەلەستىنلىك كۆچمەن ئائىلىدە تۇغۇلغان.

ئۇ 2008 -يىلى مىچىگان شتاتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپىراتتى سايلىمىدا غەلىبە قازانغان تۇنجى مۇسۇلمان ئايال بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ ياراتقانىدى.

ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى سۇپىسى ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 15 دوللاردىن ئاز بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىغا ئوخشاش پاراۋانلىقىنىڭ ئازىيىشىنىڭ  ئالدىنى ئېلىش ، ھەمدە چوڭ شىركەتلەرگە قارىتا باج كېمەيتىشنى توختىتىشقا ۋەدە بەردى.

سومالى ئىچكى ئۇرۇشىدىن قېچىپ 14 يېشىدا ئامېرىكىغا كەلگەن ئىلخان، ئۇمۇمىي خەلق داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە ئۇنۋېرسىتېت ئۇقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئوخشىغان تەلەپلەردە بولۇنغان سايلام رىقابەت سۇپىسىدا سايلاندى.

ئۇ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئامېرىكا كەلگەندىن كىيىن بوۋىسى بىلەن دېموكراتىك ئىشچى-دېھقانلار پارتىيىسى (Democratic Farmer Labor Party) گە قاتنىشىش بىلەن باشلانغانلىقىنى سۆزلىدى.

ئىسلام قورقۇسى

بۇ ئىككىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سايلىنىشى ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى بەزى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سەلبىي كۆزقارىشىغا دۇچ كەلدى.

ئالدىنقى ھەپتە يېڭى ئامېرىكا فوندى (New America Foundation) ۋە ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ئېنىستىتوتى (American Muslim Institution) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەشتىن ئىككىسىنىڭ ئىسلامنىڭ ئامېرىكا قەدىريەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى ۋە ئوخشاش ساندىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار باشقا پۇقرالاردەك ۋەتەنپەرۋەر ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ھوقۇق ھىمايەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆزلەر مېدىيا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي ئورگانلىرىدىن كەلمەكتە ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار، ئۆزىنى جۇمھۇرىيەتچى دەپ تەن ئالغان كىشىلەرنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە سەلبىي قاراشتا بولۇشتىن خالىي ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىدى.

مۇسۇلمان ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر دوكلاتتا 2017 ۋە 2018 يىللىرىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى قۇتراتقۇلۇق سۆزلەر ئىشلەتكەن 80 دىن ئارتۇق سىياسىي كاندىدات بايقالغان.

مەنبە : https://www.aljazeera.com/news/2018/11/rashida-tlaib-ilhan-omar-muslim-congresswomen-181105161422470.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاينىڭ 35 تىرلىيون دوللارلىق مەسىلىسى: مالىيە مۈلىكىنى باشقۇرۇش ئاسان ئەمەس

چا نويابىر 7 , 2018
مالىيە بالانىس جەدىۋىلىدىكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كىيىن ،خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاگاھلاندۇرغان.

You May Like