ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى2-دېكابىر
ئافراسىياپ
بىر قىسىم دېموكراتچىلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ماقۇللاش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» غا توسقۇنلۇق قىلدى.
مەزكۇر قانۇن خىتايدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەنگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش، ئالاقىدار شىركەتلەرنى جازالاشقا دائىر قانۇن بولۇپ، ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان. مەزكۇر قانۇن جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى(سناتور)ماركۇ رۇبىئۇ تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ قۇل ئەمگىكىدىن پايدا ئىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تەسىرى شۇ قەدەر زوركى، ئۇلار مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى قانۇنىنى ماقۇللىماسلىق ئۈچۈن ھەتتا مۇداپىئە قانۇنىنىمۇ ماقۇللاشقا قارشى تۇردى.